فورماتلىۋېتىلگەن قاتتىق دىسكىدىكى ھۆججەتلەرنى ئەسلىگە قايتۇرۇش
كومپيۇتېر بىلىملىرى
ئەسلىگە كەلتۈرۈش يۇمشاق دېتاللىرىدىن Lost Found, R-studio, Easy recovery Final date ... قاتارلىقلار بار. تۆۋەندە Final date ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مىسال قىلساق.
يۇمشاق دېتالنى قوزغاتقاندىن كېيىن ئالدى بىلەن File/open بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىپ فورماتلىنىپ كەتكەن دىسكا رايونىنى تاللايمىز. ئاندىن Find Format كۇنۇپكىسىنى باسساق ئىزدەش دائىرىسى كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ. كۆزنەكتىن مۇقىملاشتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى باسساق ئىزدەشنى باشلايدۇ.
ھەم ئىزدەپ بولغاندىن ئاساسىي كۆزنەكتە تاپقان ھۆججەت ۋە مۇندەرىجىلەرنىڭ تىزىملىكى چىقىدۇ. ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغان مۇندەرىجە ياكى ھۆججەتنىڭ ئۈستىدە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، recover بۇيرۇقىنى تاللىغاندىن كېيىن، ساقلايدىغان ئورنىنى كۆرسىتىپ قويساق ئەسلىگە كېلىدۇ