UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېركومپيۇتېرىمغا TNT2 كۆرسىتىش كارتىسىنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن داۋاملىق قېتىۋالىدۇ، قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟

كومپيۇتېرىمغا TNT2 كۆرسىتىش كارتىسىنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن داۋاملىق قېتىۋالىدۇ، قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟

كومپيۇتېر بىلىملىرى 1. ئاساسىي تاختىدىكى AGP باش لىنىيىنىڭ ئېلېكتر بېسىمى يېتىشمىگەنلىكتىن كۆرسىتىش كارتىسى نورمال ئىشلىمىگەن، ئېلېكتر بېسىمىنى تەڭشەڭ ھەم شۇنداقلا ئاساسىي تاختىنىڭ BIOS نى يېڭىلاڭ. 2. ئاساسىي ماشىنىنىڭ توك بىلەن تەمىنلىشى يېتەرلىك بولمىغان بىر قىسىم 230W لىك توك مەنبەلىرى AGP باش لىنىيىگە كېرەكلىك بولغان 3.3V لۇق ئېلېكتر بېسىمى بىلەن AGP كارتىسىغا كېرەكلىك توك ئېقىمىنى تەمىنلىيەلمىگەنلىكتىن نورمال ئىشلىمەسلىك ھادىسىسى كېلىپ چىققان، قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان توك مەنبەسىگە ئالماشتۇرۇڭ. 3. ئۇنىڭدىن باشقا، powerstrip يۇمشاق دېتالنى قاچىلاپ ئىجرا قىلدۇرغاندىن كېيىن، Advanced تاللاش تۈرىدىن performance نى تاللاپ TNT2 كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ چاستوتىسىنى تۆۋەنلەتكەندە قېتىۋېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر
كومپيۇتېرىمغا TNT2 كۆرسىتىش كارتىسىنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن داۋاملىق قېتىۋالىدۇ، قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki