UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېرCMOS نىڭ قاتتىق دىسكىنى تەكشۈرەلمەسلىكى

CMOS نىڭ قاتتىق دىسكىنى تەكشۈرەلمەسلىكى

كومپيۇتېر بىلىملىرى 1. قاتتىق دىسكا ۋىرۇسىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان ئەھۋالدا قاتتىق دىسكىنىڭ لوگىكىلىق قۇرۇلمىسى، يېتەكلەش سانلىق مەلۇماتلىرى، ھۆججەت تەقسىملەش جەدۋىلى... قاتارلىقلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىق سەۋەبىدىن CMOS قاتتىق دىسكىنى تەكشۈرەلمىگەن. بۇنداق ئەھۋالدا قاتتىق دىسكىنى قايتىدىن رايونغا ئايرىپ فورماتلىسىڭىز بولىدۇ. 2. قاتتىق دىسكىدا فىزىكىلىق بۇزۇلۇش يۈز بەرگىدىمۇ CMOS قاتتىق دىسككىنى تەكشۈرەلمەيدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. قاتتىق دىسكىنىڭ ئۇچۇر سىمى، توك مەنبە سىملىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ياخشى تېگىشمىگەن ئەھۋال بولسا قايتىدىن مۇقىملاشتۇرۇڭ. يەنىلا تەكشۈرەلمىسە، قاتتىق دىسكىنىڭ ماگنىت بېشى ۋە كونترول توك يولىدا كاشىلا كۆرۈلگەن، كەسپىي رېمونتخانىغا ئاپىرىپ ئوڭشىتىڭ. ئەگەر كومپيۇتېردا مۇھىم سانلىق مەلۇماتلار بولسا يېڭىدىن بىر قاتتىق دىسكا سەپلەڭ، رېمونت قىلىنغان قاتتىق دىسكىنىڭ مۇقىملىقى ياخشى بولمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر
CMOS نىڭ قاتتىق دىسكىنى تەكشۈرەلمەسلىكى | UyghurWiki | UyghurWiki