قاتتىق دىسكىنى فورماتلىغىلى بولماسلىق.
كومپيۇتېر بىلىملىرى
بۇ خىل ئەھۋالدا قاتتىق دىسكىدا بۇزۇق ماگنىت يولى پەيدا بولۇۋالغان، بۇنى يۇمشاق دېتال ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
(1) كومپيۇتېرنى قوزغاتقۇچ دىسكا بىلەن قوزغىتىڭ.
(2)ئوپتىك دىسكىدىكى smartfdisk پروگراممىسىنى ئىجرا قىلىڭ.
(3) delete بۇيرۇقى ئارقىلىق دىسكا رايونلىرىنى ئۆچۈرۈۋېتىپ، بۇزۇق ماگنىت يولىنىڭ ئورنىنى بېكىتىڭ.
(4) بۇزۇق ماگنىت يولى بار دائىرىنى بىر رايون قىلىڭ، قالغان قىسمىنى بىر رايون قىلىپ فورماتلاڭ.
(5) ئاخىرىدا بۇزۇق ماگنىت يولى بار، دىسكا رايونىنى ئۆچۈرۈۋېتىڭ.
(6) كومپيۇتېرنى قايتا قوزغاتسىڭىز ماگىت باش بۇزۇق ماگنىت يولى بار دائىرىگە نىسبەتەن ئوقۇش _ يېزىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارمايدۇ، نەتىجىدە قاتتىق دىسكا ئەسلىگە كېلىدۇ.