UyghurWiki›كومپيۇتېر›كومپيۇتېر قوزغالغاندىن كېيىن ئېكران ئەتراپى توختىماستىن جىمىرلاپ (چاقناپ) تۇرىدۇ. قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟
كومپيۇتېر قوزغالغاندىن كېيىن ئېكران ئەتراپى توختىماستىن جىمىرلاپ (چاقناپ) تۇرىدۇ. قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟
كومپيۇتېر بىلىملىرى
Windows نى بىخەتەر قوزغالغان ھالەتتە تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. Windows قوزغىلىشتىن بۇرۇن F8 كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، Safemode ئارقىلىق بىخەتەر ھالەتتە قوزغىتىڭ.
چاقناش يوقالغان بولسا ئېكران توغرا تاللانمىغان. بۇنىڭ ئۈچۈن ئېكران خاسلىقىدىن تەڭشەش/يۇقىرى دەرىجە/كۆرسەتكۈچ/ئۆزگەرتىشتىن ئېكران تىپىنى ئۆزگەرتىڭ.
بەزى ئەھۋاللاردا كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسىدا مەسىلە كۆرۈلسىمۇ يۇقىرىقىدەك ئەھۋال يۈز بېرىدۇ. بۇ چاغدا كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسىنى قايتا قاچىلاڭ ياكى يېڭىلاڭ ۋە ياكى يېڭى نەشىردىكى قوزغىتىش پروگراممىسىنى قاچىلاڭ. توك بېسىمىنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ.