UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېركۈندىلىك ئىشلىتىش جەريانىدا ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچنى قانداق ئاسرىشىمىز كېرەك؟

كۈندىلىك ئىشلىتىش جەريانىدا ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچنى قانداق ئاسرىشىمىز كېرەك؟

كومپيۇتېر بىلىملىرى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا خىزمەت پرىنسىپى، تۈزۈلۈشى ۋە سىرتقى كۆرۈنۈشى، ئىشلىتىلىشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچ بىلەن ئوخشاش بولغان DVD,CD,VCD قاتارلىقلارنى ئۇچۇرتىمىز، لېكىن ئوتىك دىسكا قوزغاتقۇچنى بۇلارغا سېلىشتۇرغاندا بىر قەدەر ئاجىز ھەم ئۆمرى قىسقا بولىدۇ، ئەڭ ئاددىي مىسال: كومپيۇتېر سەپلىگەندە ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچنىڭ ئوڭشاپ بېرىشكە بولىدىغان مۇددىتى قىسقا بولۇپ، ئادەتتە ئۈچ ئاي ئەتراپىدا بولىدۇ، ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچنىڭ يادرولۇق قىسمى لازىر نۇر بېشى بولۇپ، ئوپتىك دىسكىنىڭ ئىشلىتىش ئۆمرىنى بەلگىلەيدۇ. شۇڭا ئوپتىك دىسكا ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل ئىشقا دىققەت قىلىشىمىز، ساقلىنىشىمىز كېرەك. 1. لازىر نۇرلۇق باشنى ئادەت خاراكتېرلىك ھالدا تازىلاش كېرەك. 2. ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچنىڭ ئورنى ۋە رولىغا دىققەت قىلىش كېرەك. 3. كومپيۇتېرنى تاقاپ توكنى ئۈزۈشتىن ئاۋۋال چوقۇم ئوپتىك دىسكىنى قوزغاتقۇچ ئىچىدىن ئېلىۋېتىش كېرەك. 4. ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچنىڭ ئىشلەش ۋاقتىنى ئامال بار قىسقارتىش كېرەك. 5. ئەسلىي نۇسخىدىكى (نەشردىكى) دىسكىلارنى كۆپ ئىشلىتىش، ساختا نەشردىكى دىسكىلارنى ئاز ئىشلىتىش كېرەك. 6. ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچنىڭ ئېچىلىش ۋە يېپىلىشىنى ئامال بار پروگرامما ئارقىلىق باشقۇرۇش كېرەك. 7. ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچى يۈزىدىكى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان كۇنۇپكىلاردا توغرا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش كېرەك. 8. ئوپتىك دىسكىنىڭ رېمونت قىلىنىشىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچتا كۆرۈلىدىغان كاشىلىلار ئاساسەن ئۇلاش ئېغىزىدىكى كاشىلا سىستېمىدىكى تەڭشەش خاتالىق كاشىلىسى، ئوپتىك قىسىمدىكى كاشىلا، مېخانىك قىسىمدىكى كاشىلا، ئېلېكتر قىسىمدىكى كاشىلا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ خىلدىكى كاشىلىلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك. 1. ئەسلىي نۇسخىدىكى ئوپتىك دىسكىلارنى ئىشلىتىش، ساختا نەشردىكى ئوپتىك دىسكىلارنى ئىشلەپچىقىرىش جەريانلىرى، ئەسلىي نۇسخىدىكى ئىشلەپچىقارغاندەك قاتتىق تەلەپ قويمايدۇ. ساختا نەشردىكى ئوپتىك دىسكىنى ئىشلەتكەندە، ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچنىڭ ئوقۇش جەريانىدىكى يۈكى ئارتىپ كېتىدۇ. 2. كومپيۇتېردا كىنونى ئاز كۆرۈش، ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچ بىلەن VCD ئاپپاراتى ئوخشىمايدۇ، ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچتا ئۇزۇن مەزگىل VCD پلاستىنكىسىنى قويغاندا ئوپتىك باشنىڭ كونىراپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 3. ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچنى مەشغۇلات تەرتىپى بويىچە توغرا ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىش كېرەك ھەم ئوپتىك دىسكىنى ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچنىڭ ئىچىدىن ۋاقتىدا ئېلىۋېتىڭ. 4. ئەترەپ مۇھىت پاكىز بولۇش، چاڭ _ توزان ئاز بولۇش. 5. كۆپ ئىشلىتىدىغان ئوپتىك دىسكىدىكى ماتېرىياللارنى مەۋھۇم ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچ قىلىپ ئىشلىتىش.
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر
كۈندىلىك ئىشلىتىش جەريانىدا ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچنى قانداق ئاسرىشىمىز كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki