UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېرDirect X دېگەن نېمە؟

Direct X دېگەن نېمە؟

كومپيۇتېر بىلىملىرى Direct X ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پروگراممىدىن ئىبارەت بولۇپ، Windows دىكى ئويۇن ۋە كۆپ ۋاستە پروگراممىلىرىنىڭ ئىجرا بولۇشىنى يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن تەمىنلەيدۇ. 3D (ئۈچ ئۆلچەملىك) سۈرەت ۋە ئاۋاز ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئۇ تۆۋەندىكى بىر قانچە قىسىملاردىن تۈزۈلگەن. Direct draw سۈرەت بىر تەرەپ قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ سۈرئىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. Direct Sound ئاۋاز بىر تەرەپ قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك. Direct input ئويۇن پروگرامملىرىنى تەڭشەشكە مۇناسىۋەتلىك. Direct play كۆپ خىل تور كېلىشىمىنى قوللايدىغان بولۇپ، ئويۇن پروگراممىلىرىنىڭ توردا ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. Direc+3D. ھەر خىل 3D ئويۇن پروگراممىلىرىنىڭ ئىجرا بولۇشىدا مۇھىم رولى بار.
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر