UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېرئاۋاز كارتىسى

ئاۋاز كارتىسى

كومپيۇتېر بىلىملىرى ئاۋاز كارتىسى بولسا، رەقەملىك ئۇچۇرلارنى تەقلىدىي ئۇچۇرلارغا ئۆزگەرتىپ، كۈچەيتىپ ياڭراتقۇغا يوللاپ بېرىدىغان ئۈسكۈنىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ياخشى ياكى ناچار بولۇشى ئاۋاز سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. (1) ئاۋاز ئۆزەك پلاستىنكىسى، ئاۋاز ئۆزەك پلاستىنكىسى ئاۋاز كارتىسىنىڭ يادرولۇق بۆلىكى، بۇ ئۆزەكنىڭ ئىقتىدارى ئاۋاز كارتىسىنىڭ ئىقتىدارىنى بەلگىلەيدۇ. ھازىر كۆپ ئىشلىتىۋاتقان ئۆزەك پلاستنكىلىرىدىن Creative, YAMAHA, ESS قاتارلىقلار. (2) ئېلىش بىت سانى: ئاۋاز كارتىسىنىڭ ئاۋازنى بىر تەرەپ قىلىش دەرىجىسىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ سان قانچە چوڭ بولسا ئېلىنغان ياكى قويۇلغان ئاۋازنىڭ ئەينەنلىكى شۇنچە ياخشى بولىدۇ. ئاۋاز كارتىسىنىڭ بىت سانى ئاۋاز ھۆججىتىنى ئالغاندا ياكى قويغاندىكى رەقەملىك ئاۋاز سىگنالىنىڭ ئىككىلىك سىستېمىدىكى خانە سانىدىن ئىبارەت. (3) ئېلىش چاستوتىسى: ھەر سېكۇنتىغا ئالغان ئاۋاز نۇسخا سانىدىن ئىبارەت ئېلىش چاستوتىسى قانچە يۇقىرى بولسا ئاۋاز سۈپىتىمۇ شۇنچە ياخشى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر