UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېرتورغا چىقىش مۇقىمسىز، دائىم ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ.

تورغا چىقىش مۇقىمسىز، دائىم ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ.

كومپيۇتېر بىلىملىرى 1) سىرتتىن كىرگەن سىم ئايرىغۇچ ئارقىلىق ADSL مودىمغا ئۇلىنىشى كېرەك. سىم ئايرىغۇچنىڭ ئالدىغا تېلېفون ئۇلانغان بولسىمۇ يۇقىرىقىدەك ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. 2) سىم ئايرىغۇچقا ئۇلانغان سىم توغرا ئۇلىنىش كېرەك. سىرتتىن كىرگەن سىم line غا، تېلېفونغا ئۇلانغان سىم phone غا، ADSL مودىمغا ئۇلانغان سىم modem غا ئۇلىنىشى كېرەك. 3) توردىن ئۈزۈلۈپ كەتكەن ئەھۋالدا ئەتراپتا تەسىر كۆرسەتكەن ئېلېكتر ئۈسكۈنىلەر بولسا باشقا جايغا يۆتكىۋېتىڭ. 4) سىم يولىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى، سۈپىتىنىڭ ناچار بولۇشى سەۋەبىدىنمۇ توردىن ئۈزۈلۈپ كېتىش كۆرۈلىدۇ. 5) ھاۋارايى بولۇپمۇ، يامغۇرنىڭ تەسىرىدىن بولىدۇ. 6) مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ نورمالسىزلىقى سەۋەبىدىنمۇ تودىن ئۈزۈلۈپ كېتىش كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. مەشغۇلات سىستېمىسىنى قايتا قاچىلاڭ.
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر