UyghurWiki›كومپيۇتېر›كومپيۇتېر ۋىرۇسنىڭ ئىنگلىزچە نامىغا ئاساسەن ۋىرۇس خاراكتېرگە قانداق ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ؟
كومپيۇتېر ۋىرۇسنىڭ ئىنگلىزچە نامىغا ئاساسەن ۋىرۇس خاراكتېرگە قانداق ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ؟
كومپيۇتېر بىلىملىرى
كومپيۇتېر ۋىرۇسنىڭ ئادەتتە تۆت _ بەش خىل نامى بولىدۇ. بۇ نامغا ئاساسەن ۋىرۇس خاراكتېرگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. ۋىرۇس تازىلاش يۇمشاق دېتالى ئىشلەپچىقارغان شىركەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا نام قويۇش پرنسىپلىرى بولسىمۇ، لېكىن چوڭ دائىرىدىن ئوخشاش بولۇپ، نام بېرىش شەكلى مۇنداق بولىدۇ: (ۋىرۇس تىپى) (ۋىرۇس نامى) (ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىش تەرتىپى)
بۇنىڭدىكى (ۋىرۇس تىپى) شۇ خىل كومپيۇتېر ۋىرۇسىنىڭ تىپىنى كۆرىستىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن شۇ خىل تىپتىكى كومپيۇتېر ۋىرۇسىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.
(ۋىرۇس نامى) شۇ خىل ۋىرۇسنىڭ نامىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن شۇ خىل تۈردىكى ۋىرۇسنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى بويىچە شۇ خىل تۈردىكى ۋىرۇسنى ئورتاق خاراكتېرىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.
(ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىش تەرتىپى) بۇ ئوخشاش تۈردىكى ئوخشىمىغان شەكىللىرى ۋە شەكىل ئۆزگەرتكەن ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ.
ۋىرۇس تىپى: 1. ۋىرۇس تىپى win32,PE, win95, W32 ..... بولغان ۋىرۇسلار سىستېما ۋىرۇسى بولۇپ، بۇ خىل تىپتىكى ۋىرۇسلارنىڭ مۇستەقىل پروگراممىسى بولمايدۇ، پەقەت ئۆز كودىنى Windows نىڭ ئىجرا بولىدىغان ھۆججىتىگە يېزىش ئارقىلىق ئىجرا بولۇپ تارقىلىدۇ، بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ.
2. ۋىرۇس تىپى Word, I _ Worm .... بولغان ۋىرۇسلار تۈرى مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى يوچۇقلار ئارقىلىق تارقىلىپ كومپيۇتېر سىستېمىسى ۋە كومپيۇتېر تورىغا نىسبەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ.
3. ۋىرۇس تىپى Trojan ..... بولغانلىرى قەستكارلارنىڭ پروگراممىسى بولۇپ «ياغاچ ئات» ۋىرۇس دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل تىپتىكى ۋىرۇسلار كومپيۇتېر تورى ۋە مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى يوچۇق ئارقىلىق كومپيۇتېر سىستېمىسىغا يۇقۇپ مەشغۇلات سىستېمىسىغا يوشۇرۇنۇپ تىزىملاش جەدۋىلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق كومپيۇتېردىكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلايدۇ، ئۆزگەرتىشكە ماسلىشىدۇ، ھەم شۇنداقلا قەستكارلار بۇ خىل تىپتىكى ۋىرۇستىن پايدىلىنىپ تور ئارقىلىق باشقىلارنىڭ كومپيۇتېرنى خالىغانچە ئىشلىتىدۇ ۋە كونترول قىلىۋالىدۇ.
4. ۋىرۇس تىپى Script, VRS, JS ..... بولغانلىرى سكرىپت تىپتىكى ۋىرۇس بولۇپ بۇ خىل ۋىرۇسلار بېكەت ئارقىلىق تارقىلىپ سىستىما پروگراممىلىرى، تىزىملاش جەدۋىلىنى بۇزۇش ئارقىلىق كومپيۇتېر سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ.
5. ۋىرۇس تىپى Macro بولغان ۋىرۇسلار office ھۆججەتلەرگە يۇقۇپ office ھۆججەتلىرىگە نىسبەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ.
(ۋىرۇس نامى) ۋىرۇس نامى بولسا ۋىرۇس تازىلاش يۇمشاق دېتالىنى ئىشلىگۈچى شىركەت ياكى يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرى ۋىرۇس ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن قويغان ئىسىم بولۇپ بۇ ئىسىم ئارقىلىق ۋىرۇسلار بىر _ بىردىن پەرقلىنىدۇ.
(ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىش تەرتىپى) بۇ شۇ خىل تىپتىكى نامدىكى ۋىرۇسنىڭ ئۆزگەرگەن قېتىم سانى ياكى ئۆزگىرىش تەرتىپىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە A ~ Z گىچە بولغان ھەرپ ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.
ئومۇمەن ئېيقاندا (ۋىرۇس تىپى) ( ۋىرۇس نامى ) ( ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىش تەرتىپى) دىن ئىبارەت نام بېرىش تەرتىپى ئورتاق قوللىنىدۇ. مەسىلەن: Rising2006 ۋىرۇس تازىلاش يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق كومپيۇتېرنى تەكشۈرگەندە Win32.CIH.B ۋىرۇسنى بايقىغان بولسا يۇقىرىقى پرىنسىپلارغا ئاساسەن بۇ خىل ۋىرۇسنىڭ سىستېما تىپتىكى ۋىرۇس ئىكەنلىكى ۋىرۇس نامى CIH بولۇپ شۇ خىل تىپتىكى ئىككىنچى قېتىم شەكىل ئۆزگەرتكەنلىكىنى بىلىشكە بولىدۇ.