UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېرUSB مائۇسنى تونۇماسلىق.

USB مائۇسنى تونۇماسلىق.

كومپيۇتېر بىلىملىرى (1) DOS مەشغۇلاتىدا USB مائۇسنى تونۇمايدۇ. پەقەت مەخسۇس قوزغىتىش پروگراممىسى ئارقىلىق تونۇتۇشقا بولىدۇ. (2) Windows 9X دا زاۋۇت تەمىنلىگەن قوزغىتىش پروگراممىسى ئارقىلىق تونۇتۇشقا بولىدۇ. (3) Windows me /2000/XP دا مەشغۇلات سىستېمىسى ئاپتوماتىك ھالدا تونۇيدۇ. بىراق يەنىلا زاۋۇت تەمىنلىگەن مەخسۇس قوزغىتىش پروگراممىسى ئارقىلىق تونۇتقاندا مائۇس ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ. ھەم زاۋۇت تەمىنلىگەن قوزغىتىش پروگراممىسىدا نۇرغۇن خاتالىقلار تۈزىتىلگەن بولىدۇ. (4) يۇقىرىقىلاردىن باشقا ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە شۇكى، BIOS دىن USB مائۇس ياكى USB كۇنۇپكا تاختىسى ENABLE ھالەتكە تەڭشىلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن، ھېچقانداق مەشغۇلات سىستېمىسى ھەرقانداق قوزغىتىش پروگراممىسى ئارقىلىقمۇ USB مائۇسنى USB كۇنۇپكا تاختىسىنى تونۇتقىلى بولمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر
USB مائۇسنى تونۇماسلىق. | UyghurWiki | UyghurWiki