UyghurWiki›كومپيۇتېر›توك بېسىمى نورمال بولمىغاچقا، كومپيۇتېرغا توك تۇراقلاشتۇرغۇچ ئورناتقان ئىدىم. بىراق، ئورنىتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي كومپيۇتېر توك مەنبەسى بۇزۇلدى. بۇ نېمە ئۈچۈن؟
توك بېسىمى نورمال بولمىغاچقا، كومپيۇتېرغا توك تۇراقلاشتۇرغۇچ ئورناتقان ئىدىم. بىراق، ئورنىتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي كومپيۇتېر توك مەنبەسى بۇزۇلدى. بۇ نېمە ئۈچۈن؟
كومپيۇتېر بىلىملىرى
ئادەتتىكى توك تۇراقلاشتۇرغۇچ توك بېسىمى ئۆزگەرگەندە يۇقىرى چاستوتىدىكى ئېلېكتر ماگنىت ئىمپۇلىسى ھاسىل قىلىپ كومپيۇتېر توك مەنبەسىنى بۇزۇۋېتىدۇ.
ئادەتتە كومپيۇتېر توك مەنبەسىنىڭمۇ بەلگىلىك دائىرىدە توك تۇراقلاشتۇرۇش ئىقتىدارى بولىدۇ. شۇڭا ئادەتتىكى توك تۇراقلاشتۇرغۇچنى ئىشلەتمەسلىك لازىم. ئەگەر توك بېسىمى نورمال بولمىسا UPS ئىشلەتكەن ئەڭ مۇۋاپىق.
ئاساسىي تاختا يوق شارائىتتا ATX توك مەنبەسىگە AT توك مەنبەسىگە نىسبەتەن «PS - ON, +5VSB,3.3V» قاتارلىقلار قوشۇلغان. ATX توك مەنبەسىدە ئوخشىمىغان رەڭدىكى 20 دانە سىم ئۇلانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يېشىل رەڭلىك سىم PS - ON. بىر تال ئۆتكۈزگۈچ سىم تېپىپ بىر ئۇچنى يېشىل رەڭلىك PS - ON غا يەنە بىر ئۇچنى خالىغان بىر قارا رەڭلىك سىمغا ئۇلىسىڭىز ATX توك مەنبەسى قوزغىلىدۇ.
نۆۋەتتىكى مىكرو كومپيۇتېرلارنىڭ توك مەنبەسى ATX توك مەنبەسى بولۇپ، توك مەنبە كاشىلىلىرىغا دۇچ كەلگەندە توك مەنبەنىڭ ئاساسىي تاختىغا ئۇلانغان ئېغىزىنى چىقىرىۋېتىڭ.
توك مەنبەسى كومپيۇتېرنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشى ۋە ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان قىسمى ھېسابلىنىدۇ، ئادەتتە كومپيۇتېرنىڭ قۇۋۋىتى 100W ئەتراپىدا بولىدۇ، لېكىن كومپيۇتېرنىڭ ئومۇمىي قۇۋۋىتى 100W دىن چوڭراق بولىدۇ. بۇ سىرتىدىن چاتىدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ توك بىلەن تەمىنلىگەندىن باشقا، يەنە كومپيۇتېر قوزغىلىۋاتقان ۋاقىتتىكى قۇۋۋىتىنىڭ قوزغىلىپ بولغانىدىن كېيىنكى قۇۋۋىتىدىن چوڭ بولغانلىق سەۋەبىدىن بولغان.