UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېرCMOS نىڭ ئۇچۇر ساقلىيالماسلىقى.

CMOS نىڭ ئۇچۇر ساقلىيالماسلىقى.

كومپيۇتېر بىلىملىرى بۇ ھادىسە ئاساسىي تاختىدىكى باتارېيىنىڭ توك بېسىمى يېتىشمىگەنلىك سەۋەبىدىن بولغان. ئاساسىي ماشىنا قېپىنى ئېچىپ يېڭى باتارېيە ئالماشتۇرۇڭ، مەسىلە يەنىلا ھەل بولمىسا تۆۋەندىكى ئېھتىماللىق بار. 1. ئاساسىي تاختىنىڭ توك يولىدا مەسىلە بار. كەسپىي رېمونتخانىغا ئاپىرىڭ. 2. CMOS نىڭ سىم ئاتلاتقۇچىدا مەسىلە بار. ئاساسىي تاختىدىكى CMOS سىم ئاتلاتقۇچىنىڭ 2~1 ياكى 3~2 ئورۇندا ئىكەنلىكىنى تەڭشۈرۈڭ. ئەگەر 3~2 ئورۇندا بولسا 2~1 ئورۇنغا يۆتكىسىڭىز مەسىلە ھەل بولىدۇ. تەپسىلاتى ئاساسىي تاختىنىڭ چۈشەندۈرۈش ماتېرىيالىدا تەپسىلىي كۆرسىتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر
CMOS نىڭ ئۇچۇر ساقلىيالماسلىقى. | UyghurWiki | UyghurWiki