كومپيۇتېرنى ئۆچۈرۈۋەتكەندىن كېيىن كومپيۇتېر سائىتى توختاپ قالىدۇ.
كومپيۇتېر بىلىملىرى
ئاساسىي تاختىغا ئېلېكترونلۇق سائەت توك يولى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئېلېكترونلۇق سائەتنى CMOS باتارېيىسى توك بىلەن تەمىنلەيدۇ. CMOS باتارېيىدە توك قالمىغان بولۇشى مۇمكىن. باتارېيە ئالماشتۇرۇڭ. باتارېيە ئالماشتۇرغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا شۇنداق بولسا _ ئاساسىي تاختىدىكى سائەت توك يولىدا، CMOS باتارېيىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش توك يولىدىكى كوندېنساتوردا، CMOS ئۆزەكتە مەسىلە كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. كەسپىي رېمونتخانىغا ئاپىرىپ رېمونت قىلدۇرۇڭ.