چىقىرىش ئۈسكۈنىسى
كومپيۇتېر بىلىملىرى
چىقىرىش ئۈسكۈنىسى كومپيۇتېرنىڭ ئىچىدىكى ھەرخىل پروگرامما، سانلىق مەلۇمات ۋە ھەرخىل تىپتىكى ھۆججەتلەرنى سىرتقا چىقىرىپ بېرىدىغان ئۈسكۈنىلەر، چىقىرىش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئىقتىدارى كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئىقتىدارى بىلەن قارىمۇ قارشى بولۇپ، كومپيۇتېر بىر تەرەپ قىلىپ بولغان نەتىجە ياكى خىزمەت جەريانىدىكى نەتىجىلەرنى كىشىلەر تونۇپ قوبۇل قىلالايدىغان شەكىلدە ياكى باشقا ماشىنا _ ئۈسكۈنىلەر ئېھتىياجلىق شەكىلدە چىقىرىپ بېرىدۇ. كومپيۇتېرنىڭ ئاساسلىق چىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىدىن _ ئېكران، پىرىنتېر، ياڭراتقۇ... قاتارلىقلار بار.
ئېكران: ئېكران كومپيۇتېردا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم چىقىرىش ئۈسكۈنىسىنىڭ بىرى. كۇنۇپكا تاختىسى ياكى مائۇستىن كىرگۈزۈلگەن بۇيرۇق ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرسىتىپ، كىشىلەرنىڭ كىرگۈزگەنلىرىنىڭ خاتا ياكى توغرىلىقىغا ھۆكۈم قىلىشقا ئوڭايلىق يارىتىدۇ. پروگراممىنى ئىجرا قىلغاندا كومپيۇتېرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئوبتېكتىپ ھەرپ، بەلگە، شەكىل ۋە سخېمىغا ئايلاندۇرۇپ چىقىرىش ھەمدە پروگراممىنىڭ ئىجرا بولۇش جەريانىدىكى زۆرۈر بولغان ئۇچۇر ۋە نەتىجىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئېكران ئادەتتە مۇستەقىل ھەم باغلىنىشلىق بولغان ئىككى قىسىمدىن تۈزۈلگەن. بىرى ئېلېۋىزورغا ئوخشاش بىۋاستە كۆرسىتىش ئۈسكۈنىسى _ كۆزەتكۈچ (monitor)، يەنە بىرى كۆزەتكۈچ بىلەن ئاساسىي ماشىنىنى تۇتاشتۇرىدىغان توك يولى _ كۆرسىتىشنى كونترول قىلغۇچى ماسلاشتۇرغۇچى (Adepter) ياكى كۆرسىتىش كارتىسى.
ئېكراننىڭ مۇھىم بىر تېخنىكىلىق كۆرسەتكۈچى، ئۇنىڭ پەرق ئېتىش نىسبىتىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئادەتتە گورىزونتال يۆنىلىشلىك چېكىت بىلەن ۋېرتىكال يۆنىلىشتىكى چېكىت سانىنىڭ كۈپەيتمىسى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. سان قانچە چوڭ بولسا، پەرق ئېتىش نىسبىتى شۇنچە چوڭ بولىدۇ.
نۆۋەتتە ئومۇملاشقان ئېكران CathodeRayTube ) CRT ) كاتود نۇرلۇق ئېكران. يەنە LiquidCrystaldisplay)LCD ) سۇيۇق كرىستال ئېكرانمۇ يېڭىدىن ئومۇملاشماقتا.
پىرىنتېر: پىرىنتېر بولسا كومپيۇتېرنىڭ مۇھىم چىقىرىش ئۈسكۈنىسىنىڭ بىرى، ئۇ ئاساسەن ماتېرىيال، سانلىق مەلۇمات، يېزىق _ جەدۋەل رەسىم ... قاتارلىقلارنى بېسىپ چىقىرىشتا ئىشلىتىلىدۇ. كۆپ ئىشلىتىلىدىغان پىرىنتېرلاردىن _ يىڭنىلىق پىرنتېر، پۈركۈمە پىرىنتېر، لازېر نۇرلۇق پىرىنتېر قاتارلىقلار بار. يىڭنىلىق پىرىنتېرلاردى كەڭ قۇرلۇق ۋە تار قۇرلۇق پىرىنتېرلار بار. بۇ خىلدىكى پىرىنتېرلارنىڭ باھاسى مۇۋاپىق، چىداملىق، بېسىپ چىقىرىش تەننەرخى تۆۋەن. پۈركۈمە پىرىنتېرلارنىڭ باھاسى مۇۋاپىق، بېسىپ چىقىرىش ئۈنۈمى ياخشى، ئاۋازى تۆۋەن، بىراق بېسىپ چىقىرىش تەننەرخى يۇقىرى. لازېر نۇرلۇق پىرىنتېرلارنىڭ بېسىپ چىقىرىش ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى، بېسىپ چىقىرىش تەننەرخى تۆۋەن، باھاسى يۇقىرى. يۇقىرىدىكى ئۈچ خىل پىرىنتېرلارنىڭ يەنە رەڭلىك برلىپ چىقىرىدىغان ۋە رەڭسىز بېسىپ چىقىرىدىغان تۈرلىرى بار.