UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېركومپيۇتېر ئاساسىي ماشىنىسىدىكى Power كۇنۇپكىسىنى باسقاندا كومپيۇتېردا ھېچقانداق ئىنكاس بولماسلىق.

كومپيۇتېر ئاساسىي ماشىنىسىدىكى Power كۇنۇپكىسىنى باسقاندا كومپيۇتېردا ھېچقانداق ئىنكاس بولماسلىق.

كومپيۇتېر بىلىملىرى ئۇنىۋېرسال مېتر بىلەن 5VSB + نى ئۆلچەڭ. ئەگەر ئېلېكتر بېسىمى نورمال ھەم تۇراقلىق بولمىسا توك مەنبە بۇزۇلغان. ئەگەر تۇراقلىق، نورمال بولسا كومپيۇتېرنىڭ توك مەنبە كۇنۇپكىسىنىڭ ياكى ئاساسىي تاختىنىڭ قوزغىتىش توك يولى بۇزۇلغان، كەسپىي رېمونتخانىغا ئاپىرىڭ. كومپيۇتېرنىڭ ATX توك مەنبەسىدە كاشىلا كۆرۈلگەندە CMOS پارامېترى، Windows نىڭ ACPI, توك مەنبە، ئاساسىي تاختا قاتارلىق بىر نەچچە تەرەپلەردىن ئەتراپلىق ئانالىز قىلىش كېرەك. كومپيۇتېر توك مەنبەسىدە كاشىلا كۆرۈلگەندە كاشىلىنىڭ زادى قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاش كېرەك. ATX توك مەنبەسىنى ئاجرىتىپ PS _ on ئۇچۇر سىمى (يېشىل رەڭلىك) بىلەن يەر سىمى (قارا رەڭلىك) ئوتتۇرىسىغا بىر دانە 100 دىن 150 ئوم بولغان قارشىلىقىنى ئۇلاڭ. ئەگەر توك مەنبە نورمال ئىشلىسە كاشىلا ئاساسىي تاختا ياكى ئاساسىي ماشىنىدىكى Power كۇنۇپكىسىدا، ئەكسىچە نورمال ئىشلىمىسە توك مەنبەسىنىڭ ئۆزىدە كۆرۈلگەن كاشىلا. ئومۇمەن توك مەنبەسىدە كاشىلا كۆرۈلگەندە ئاۋۋال BIOS پارامتېرنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ، ئاندىن ATX توك مەنبەسىنىڭ ئاساسىي توك يولى، ياردەمچە توك يولىنى تەكشۈرۈڭ، ئاخىرىدا ئاساسىي تاختىدىكى توك مەنبەسى كۆزەتكۈچ توك يولىنى تەكشۈرۈڭ.
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر
كومپيۇتېر ئاساسىي ماشىنىسىدىكى Power كۇنۇپكىسىنى باسقاندا كومپيۇتېردا ھېچقانداق ئىنكاس بولماسلىق. | UyghurWiki | UyghurWiki