Windows98 بىلەن WindowsXP نى بىر دىسكا رايونىغا قاچىلاشقا بولامدۇ؟
كومپيۇتېر بىلىملىرى
بولىدۇ. ئاۋۋال Windows98 نى قاچىلاپ، ئاندىن كومپيۇتېرنى ئوپتىك دىسكىدىن قوزغىتىپ WindowsXP نى قاچىلايمىز. WindowsXP نى قاچىلاش جەريانىدا قايسى رايونغا قاچىلاشنى بېكىتىش تىزىملىكى كۆرۈنگەندە Windows98 قاچىلانغان دىسكا رايوننى كۆرسىتىپ قويىمىز. ھۆججەت رايونىنى تاللاش تىزىملىكى كۆرۈنگەندە (使用当前的FAT32格式) دېگەن تۈرنى تاللاپ FAT32 شەكلىنى كۆرسىتىدۇ. ئاندىن تەرتىپ بويىچە داۋاملاشتۇرغاندا ئىككى مەشغۇلات سىستېمىسى بىر دىسكا رايونىغا قاچىلىنىدۇ.