DVD_ROM دا كىنو كۆرۈۋاتقاندا توساتتىن توختاپ قېلىش ھادىسىسى قانداق ئىش؟
كومپيۇتېر بىلىملىرى
DVD دىسكىلار تاق يۈزلۈك تاق قەۋەتلىك، تاق يۈزلۈك قوش قەۋەتلىك، قوز يۈزلۈك تاق قەۋەتلىك، قوش يۈزلۈك قوش قەۋەتلىك... قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.
ئادەتتە بىر تاق يۈزلۈك تاق قەۋەتلىك DVD دىسكىغا ئىككى سائەتلىك كىنو سىغىدۇ.
كىنو ئىككى سائەتتىن ئېشىپ كەتسە، تاق يۈزلۈك قوش قەۋەتلىك DVD دىسكىغا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ چاغدا لازىرلىق باش بىر قەۋىتىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇپ بولۇپ، يەنە بىر قەۋەتتىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇش ئۈچۈن لازىر نۇر دەستىسىنىڭ فوكۇسىنى قايتا تەڭشەش ئۈچۈن مەلۇم ۋاقىت كېرەك بولغاچقا قىسقا توختاش ھادىسىسى شەكىللىنىدۇ. بۇ نورمال ھادىسە. ئۇندىن باشقا DVD دىسكا سۈپىتىنىڭ ناچار بولۇشى سەۋەبىدىنمۇ قىسقا توختاش ھادىسىسى كېلىپ چىقىدۇ.