UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېركونا كومپيۇتېرنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار.

كونا كومپيۇتېرنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار.

كومپيۇتېر بىلىملىرى ھازىر مىكرو كومپيۇتېرلار p4 دەۋرىدە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، بىر نەچچە يىل ئىلگىرى سېتىۋالغان كومپيۇتېرلارغا نىسبەتەن يېڭى مەشغۇلات سىستېمىسى، يېڭى يۇمشاق دېتال، يېڭى ئويۇن پروگراممىلىرى....قاتارلىقلارنى قاچىلاپ ھەم نورمال ئىشلىتىش ھەم تېز ئىجرا بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كومپيۇتېر دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. كونا كومپيۇتېرلارنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلغاندا چىقىمنى ئازايتىش بىلەن بىرگە ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. 1. ئاساسىي تاختا ۋە ئۆزەكلەر گۇرۇپپىسى: ئاساسىي تاختىدىكى ئۆزەكلەر گۇرۇپپىسى ئاساسىي تاختىنىڭ ئىقتىدارىنى بەلگىلىسىمۇ، بىراق ئاساسىي تاختىنىڭ لايىھەلىنىشى ۋە ياسلىشىمۇ ئاساسىي تاختا ئىقتىدارىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاساسىي تاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلار ئاساسىي تاختىنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن بىر قىسىم توك يوللىرى ۋە قىستۇرۇش ئوقۇرلىرىنى قىسقارتىۋېتىدۇ. نەتىجىدە ئۆزەكلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئىقتىدارى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، شۇڭا دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن ئىلگىرى ئاساسىي تاختا ۋە ئۆزەكلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئىقتىدارىنى چوقۇم بىلىش كېرەك. شۇنداق بولغاندا مۇۋاپىق قاتتىق دېتاللارنى سەپلەپ ياخشى ماسلاشتۇرغىلى، چىقىمنى تېجىگىلى بولىدۇ. قاتتىق دىسكا، ئىچكى ساقلىغۇچ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندە ئاۋۋال BIOS دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك، CPU ۋە كۆرسىتىش كارتىسىنڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندە ئاساسىي تاختا بىلەن ئۆزەكلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ئويلىشىش كېرەك. 2. BIOSكومپيۇتېر دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە BIOS دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشمۇ مۇھىم ھالقا، چۈنكى قاتتىق دېتال دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندىن كېيىن كېلىپ چىققان بىر قىسىم مەسىلىلەر ۋە كاشىلىلار BIOS دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن ھەل بولىدۇ. مەسىلەن: BIOS قا ئاساسەن CPU نىڭ ھەسسىلىك سانى، سىرتقى چاستوتىسى، توك بېسىمى.... قاتارلىق پارامېترلىرىگە نىسبەتەن تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇڭا BIOS دىكى CPU غا مۇناسىۋەتلىك مەلۇم پارامېتر خاتا تەڭشەلسە دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەغلۇپ بولۇپلا قالماي، بەلكى CPU بۇزۇلىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. 3. CPU ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ ئۇلاش ئېغىزى: CPU ۋە ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ بىرنەچچە خىل ئۇلاش ئېغىزلىرى بار بولۇپ، دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندە چوقۇم بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئۇندىن باشقا ئاساسىي تاختا قوللىغان ئەھۋالدا ئالماشتۇرۇش كارتىسى ئارقىلىق ئۇلاش ئېغىزى ئوخشىمىغان CPU لارنى سەپلىگىلى بولىدۇ. مەسىلەن: ئاساسىي تاختىدىكى CPU نىڭ ئۇلاش ئېغىزى Socket423 بولغان بولۇپ ئاساسىي تاختا Socket478 تۈردىكى CPU نى قوللىسا ئالماشتۇرۇش كارتىسى ئارقىلىق Socket478 تۈردىكى CPU سەپلىگىلى بولىدۇ. ئىچكى ساقىغۇچقا نىسبەتەن قىستۇرۇش ئوقۇرى قانداق بولسا چوقۇم شۇ تۈردىكى ئىچكى ساقىغۇچنى سەپلەش كېرەك. بىر قىسىم ئاساسىي تاختىلاردا SD RAM ۋە DDRAM ئىچكى ساقلىغۇچلارنى سەپلەشكە بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا چوقۇم بىر تۈردىكى ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلەڭ چۈنكى. SD RAM ۋە DDRAM نىڭ توك بېسىمى ئوخشاش بولمىغاچقا، مۇقىم ئىشلىمەيدۇ ھەم كاشىلا كۆپ كۆرۈلىدۇ. 4. CPU نىڭ توك بېسىمى يېڭى تىپتىكى ئاساسىي تاختىلار CPU توك بېسىمىنى ئاپتوماتىك ئۆلچەپ ئاپتوماتىك تەڭشىيەلىسىمۇ، بىراق كونا تىپتىكى ئاساسىي تاختىلاردا بۇ خىل ئىقتىدار يوق. شۇڭا نىسبەتەن كونا تىپتىكى ئاساسىي تاختىلارغا يېڭى تىپتىكى CPU لارنى سەپلىگەندە BIOS دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە ئاساسىي تاختىنىڭ چۈشەندۈرۈش ماتېرىيالىغا ئاساسەن سىم ئاتلاتقۇچ ئارقىلىق CPU توك بېسىمىنى نورمال دائىرىدە تەڭشەش كېرەك. 5. كۆرسىتىش كارتىسى يېڭى تىپتىكى كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ قۇۋۋىتى چوڭ بولغاچقا، AGP قىستۇرۇش ئوقۇرىنىڭ توك بىلەن تەمىنلىشىگە نىسبەتەن تەلىپى يۇقىرى. ئەگەر AGP قىستۇرۇش ئوقۇرىنىڭ كۆرسىتىش كاتىسىنى توك بىلەن تەمىنلىشى يېتەرلىك بولمىسا، نورمالسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندە كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ تەلىپى بىلەن AGP توك بىلەن تەمىنلىشىنى ئويلىشىش كېرەك. ئۇندىن باشقا مۇۋاپىق مەنبەسى ۋە كۆركەم ئاساسىي ماشىنا قېپىنىمۇ ئويلىشىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر
كونا كومپيۇتېرنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار. | UyghurWiki | UyghurWiki