ئېكراننى ئاسراش ساۋاتلىرى
كومپيۇتېر بىلىملىرى
1) نەملىكتىن ساقلىنىش: ھاۋانىڭ نەملىك دەرىجىسى %80 دىن ئېشىپ كەتكەندە، ئېكراننىڭ توك مەنبەسىدە ئاسانلا كاشىلا كۆرۈپ ئېكراندا نىسپىي دەرىجىدە بۇزۇلۇش كۆرۈلىدۇ.
2) كۈچلۈك نۇردىن ساقلىنىش: ئۇزۇن مەزگىل نۇر بىلەن ئۇچراشسا كىنسكوپنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3) چاڭ _ توزاندىن ساقلىنىش: ئېكران ئىچكى قىسمىدىكى ئېلېكتر بېسىمى 3KV _ 10KV بولۇپ، چاڭ _ توزانلارنىڭ يىغىلىپ قېلىش نەتىجىسىدە توك يوللىرىدا بۇزۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4) ماگنىت مەيدانى تەسىرىدىن ساقلىنىش: ئېكران ئۇزۇن مەزگىل كۈچلۈك ماگنىت مەيدانى بار ئورۇندا قويۇلسا ئېكران رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەم ئېكراننىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5) يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن ساقلىنىش: ئېكراننىڭ ئۆزى كۆپ مىقداردا ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىدۇ. ئەگەر ئېكران ئۇزۇن مەزگىل يۇقىرى تېمپېراتۇرا شارائىتىدا ئىشلىتىلگەن بولسا ئېكراننىڭ نورمال ئىشلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن يەنە ئېكران ئۆمرىنى قىسقارتىدۇ.
ئېكرانغا نىسبەتەن ئادەتتىكى كاشىلا بولسىمۇ، ئالاھىدە كاشىلا بولسىمۇ تەكشۈرۈش، ئوڭشاش جەريانى ئاساسەن ئوخشاش. ئاۋۋال كاشىلا ئەھۋالىنى چۈشىنىش كېرەك.
(1) كاشىلا ھادىسىسىنى كۆزىتىش: نۇر سېتكىسى، سۈرەت مۇقىملىقى، رەڭگىنىڭ نورمال ياكى نورمالسىزلىقى، تىترەش چاقناش، ئاۋاز قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ بار _ يوقلۇقىنى كۆزىتىڭ.
(2) كاشىلا يۈز بېرىشتىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى مۇھىت تەسىرىگە، مۇھىت ئۆزگىرىشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. مۇھىتتا چوڭ ئۆزگىرىش بولغان بولسا ئېكراندا نورمالسزلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.