UyghurWiki›كومپيۇتېر›پرىنتېر قەغەز ئەكىرەلمەيدۇ، قەغەز ئەكىرگەن ئەھۋالدىمۇ قەغەز كىرمىگەنلىك ئۇچۇرى كۆرۈلىدۇ.
پرىنتېر قەغەز ئەكىرەلمەيدۇ، قەغەز ئەكىرگەن ئەھۋالدىمۇ قەغەز كىرمىگەنلىك ئۇچۇرى كۆرۈلىدۇ.
كومپيۇتېر بىلىملىرى
بۇ خىل ھادىسە يىڭنىلىق پرىنتېر بىلەن پۈركىمە پرىنتېرلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. ئادەتتە قەغەز ئەكىرىدىغان جايدا بىر نۇر سەزگۈچ بار بولۇپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن چاڭ _ توزان سەۋەبىدىن نۇر سەزگۈچنىڭ كىرلىشىپ كېتىشى سەۋەبىدىن يۇقىرىقىدەك ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. پرىنتېر سىرتقى قېپىنى ئاجرىتىپ ئىسپىرتقا چىلانغان پاختا بىلەن نۇر سەزگۈچنى پاكىز تازىلىسىڭىز كاشىلا ساقىيىدۇ.