مۇزىكا ياكى VCD, DVD قويغاندا ئاۋاز ئېنىقسىز، بۇ نېمە ئۈچۈن؟
كومپيۇتېر بىلىملىرى
(1) ئاۋاز كارتىسى قوزغىتىش پروگراممىسىنى قايتا قاچىلاڭ ياكى ئەڭ يېڭى نەشرنى قاچىلاڭ.
(2) ياڭراتقۇنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ياڭراتقۇنىڭ بۇزۇلۇشى ياكى سىملىرىنىڭ توغرا ئۇلانماسلىقى، ياخشى تېگىشمەسلىكى قاتارلىق نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىنمۇ يۇقىرىقىدەك ھادىسىلەر كېلىپ چىقىدۇ.
(3) ياڭراتقۇنىڭ ئاۋازى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، نورمال تەڭشەڭ.
(4) ئاۋاز كارتىسى باشقا ئۈسكۈنىلەر بىلەن ماسلاشمىغان ياكى توقۇنۇشۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ئاۋاز كارتىسىنى قايتىدىن تەڭشەڭ.