توردىكى قوشنىدا كومپيۇتېرنىڭ ئۆزى كۆرۈنۈپ باشقا كومپيۇتېرلارنىڭ كۆرۈنمەسلىكى.
كومپيۇتېر بىلىملىرى
بۇنداق ئەھۋاللاردا تور كارتىسى، يۇمشاق دېتاللارنىڭ ھېچقايسىسىدا مەسىلە يوق.
1. سىم بىلەن خابور ياكى ئالماشۇتۇرغۇچتىكى مەسىلە، ياكى ياخشى تۇتاشمىغان.
1) PING بۇيرۇقى ئارقىلىق IP ئادرېسىنى ئېنىقلاڭ. باشقا كومپيۇتېرلارنىڭ نورمال ئۇلانغان ياكى ئۇلانمىغانلىقىنى تەكشۈرۈڭ.
2) تور كارتىسى چىراغنىڭ يورىغان _ يورىمىغانلىقىنى تەكشۈرۈڭ. ئەگەر يورىغان بولسا كومپيۇتېر بىلەن خابور، ئالماشتۇرغۇچ نورمال ئۇلانغان بولىدۇ.
3) خابور، ئالماشتۇرغۇچتىكى كومپيۇتېرنى ئۇلىغان ئېغىزدىكى چىراغنىڭ يورىغان _ يورىمىغانلىقىنى تەكشۈرۈڭ. يورىغان بولسا كومپيۇتېر ۋە تور ئۈسكۈنىلەردە مەسىلە يوق. يورىمىغان بولسا تور سىمىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ئارقىلىق تور سىمىنى تەكشۈرۈڭ.
2. 1) تور كارتىسىنىڭ چىرىغى يورىمىغان بولسا Windows نىڭ ئۈسكۈنە باشقۇرغۇچىدىن تەكشۈرۈڭ. تور كارتىسىنى باشقا قىستۇرۇش ئېغىزىغا ئالماشتۇرۇڭ ياكى قوزغىتىش پروگراممىسىنى قايتا قاچىلاڭ.
2) تور كېلىشىملىرىنى قايتىدىن تولۇقلاپ توغرا قاچىلاڭ.
3) ئاخىرىدا TCP/IP كېلىشىمىگە باغلانغان تور كارتىسىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئۆچۈرۈۋېتىپ كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىڭ.