كومپيۇتېرغا ۋىرۇس (suriW) يۇققانلىقنىڭ قانداق ئىپادىلىرى بار؟
كومپيۇتېر بىلىملىرى
1. كومپيۇتېر ئېكراندا قالايمىقان ھەرپ بەلگىلەر كۆرۈنىدۇ.
2. پروگراممىلارنىڭ قوزغىلىش، ئىجرا بولۇش سۈرئىتى نورمال ۋاقىتتىكىدىن ئاستا بولىدۇ.
3. ئىشلەتمىگەن ئۈسكۈنىلەردىن خىزمەت ھالىتىدىكى سىگنال پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن: يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئوقۇپ، يېزىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىشى،پرىنتېرنىڭ قالايمىقان ھەرپ _ بەلگىلەرنى بېسىپ چىقىرىشى....قاتارلىقلار.
4. قاتتىق دىسكىدا قالايمىقان ھۆججەتلەر كۆپىيىپ قالىدۇ.
5. كومپيۇتېر ئۆزلۈكىدىن قايتا قوزغىلىپ كېتىدۇ.
6. بەزى پروگراممىلار ئىجرا بولمايدۇ ياكى ئىجرا بولۇش جەريانىدا خاتالىق كۆرۈلىدۇ.
7. ئىچكى ساقلىغۇچ سىغىمى ۋە قاتتىق دىسكا سىغىمى كىچىكلەپ كېتىدۇ.
8. كومپيۇتېر بىنورمال قېتىۋالىدۇ.
9. كومپيۇتېرنىڭ قوزغىلىشى كۆرۈنەرلىك ئاستىلىشىپ كېتىدۇ.