ئەمەلىي يۇمشاق دېتاللار
كومپيۇتېر بىلىملىرى
ئەمەلىي يۇمشاق دېتاللار ئالاھىدە ئىشلىتىش مەقسىتىگە ئىگە بولغان پروگرامما گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت. مەسىلەن: يېزىق، ئېلېكترونلۇق جەدۋەل بىر تەرەپ قىلىش يۇمشاق دېتاللىرى WPS, Word, Excel قاتارلىقلار. باشقۇرۇش يۇمشاق دېتاللىرى مالىيە باشقۇرۇش، ئارخىپ باشقۇرۇش، سودا باشقۇرۇش يۇمشاق دېتاللىرى، كومپيۇتېر ياردىمىدە لايىھىلەش يۇمشاق دېتاللىرى، ئويۇن پروگراممىلىرى ۋە ئوقۇتۇش دېتاللىرى، رەقەملىك ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش يۇمشاق دېتاللىرى، تور يۇمشاق دېتاللىرى، پەن _ تېخنىكىلىق ھېسابلاش پروگراممىلىرى قاتارلىقلار.