UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېرسىستېمىدىكى كاشىلىلارغا قانداق ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ؟

سىستېمىدىكى كاشىلىلارغا قانداق ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ؟

كومپيۇتېر بىلىملىرى Windows98 نى قاچىلاش، قوزغىتىش جەريانىدا بىر نەچچە خاتىرە ھۆججەتلەرنى قۇرىدۇ. بۇ خاتىرە ھۆججەتلەر غول مۇندەرىجىدە ساقلىنىدۇ ھەم خاتىرە دەپتەر ئارقىلىق ئېچىشقا بولىدۇ. Bootlog.txt. بۇ Windows98 نى قاچىلاپ ئىجرا قىلغاندا قۇرۇلىدىغان ھۆججەت بولۇپ، ھەر قايسى دېتاللارنىڭ ئۇچۇرلىرى ساقلىنىدۇ. ئەگەر بۇ ھۆججەتتە FAIL دېگەن سۆز پەيدا بولغان بولسا، شۇ دېتالدا كاشىلا كۆرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. Detlog.txt. بۇ خاتىرە ھۆججىتىدە قاتتىق دېتاللارنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى خاتىرىلىنىدۇ. بۇ ھۆججەت ئارقىلىق قاتتىق دېتالنىڭ بار _ يوقلۇقى، مەسىلە كۆرۈلگەن ياكى كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلىشكە بولىدۇ. Netlog.txt. كومپيۇتېر تورغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ساقلىنىدىغان خاتىرە ھۆججىتى. Setuplog.txt. بۇ خاتىرە ھۆججىتىگە قايسى دېتاللارنىڭ نورمال ئىكەنلىكى، نىمىلەرنىڭ قاچىلانغانلىقى، قەيەرگە كۆچۈرۈلگەنلىكى...دەك نۇرغۇن نەرسىلەر خاتىرىلەنگەن بولىدۇ. Scandisk det. log بۇ ھۆججەتكە Scankisk بۇيرۇقى بايقاپ تۈزەتكەن خاتالىقلار خاتىرىلىنىدۇ. Modem det.txt بۇ خاتىرە ھۆججەتكە مودىمنىڭ بار _ يوقلۇقى ھەم مودىمدىكى ياكى مودىم ئېغىزىدا كۆرۈلگەن خاتالىقلار خاتىرىلىنىدۇ. Ndislot.txt بۇ خاتىرە ھۆججىتىگە سىستېمىدىكى ۋە ISDN نىڭ تور قوزغىتىش پروگراممىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار خاتىرىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر