سىم ئاتلاتقۇچنىڭ خاتا بولۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كاشىلا.
كومپيۇتېر بىلىملىرى
ئادەتتە ئىشلىتىدىغان كومپيۇتېرلارغا IDE ئۈسكۈنىدىن ئەڭ كۆپ بولغاندا تۆتنى ئۇلىغىلى بولىدۇ. ئادەتتەئاساسىي تاختىدا ئىككى دانە IDE ئۇلاش ئېغىزى بار. (IDE _1,IDE_2) بىر IDE ئۇلاش ئېغىزىغا ئىككى دانە IDE ئۈسكۈنىسى ئۇلىغىلى بولىدۇ. بىر دانە IDE ئۇلاش ئېغىزىغا ئۇلانغان ئىككى دانە IDE ئۈسكۈنە سىم ئاتلاتقۇچ ئارقىلىق بىرسىنى MASTER يەنە بىرىنى SLAVE قىلىپ تەڭشەپ ئۇلاش كېرەك.
ئاساسىي تاختىدىكى IDE _1 ئۇلاش ئېغىزىغا ئۇلانغان ئىككى دانە IDE ئۈسكۈنە primary master ۋە primary slave بولىدۇ.
ئاساسىي تاختىدىكى IDE_2 ئۇلاش ئېغىزىغا ئۇلانغان ئىككى دانە IDE ئۈسكۈنە scondary master ۋە scondary slave بولىدۇ.
قاتتىق دىسكا چوقۇم IDE _1 ئۇلاش ئېغىزىغا ئۇلىنىشى ھەم Mster قىلىپ تەڭشەش كېرەك، دېمەك، يۇقىرىقى پرىنسىپ بويىچە IDE ئېغىزلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئۆزىنىڭ چۈشەندۈرۈش ماتېرىيالىغا ئاساسەن، سىم ئاتلاتقۇچ ئارقىلىق تەڭشەپ ئۇلىغاندا ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ.