UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېرWindows98 نىڭ 运行 دىكى قوراللىرى

Windows98 نىڭ 运行 دىكى قوراللىرى

كومپيۇتېر بىلىملىرى 1. كۆزنەككە «. .» (ئىككى چېكىت) نى كىرگۈزۈپ جەزملەشتۈرگەندە Windows98 قاچىلانغان مۇندەرىجىگە كىرىمىز. 2. كۆزنەككە «. . .» (ئۈچ چېكىت) نى كىرگۈزۈپ جەزملەشتۈرگەندە، «مېنىڭ كومپيۇتېرىم» ئېچىلىدۇ. 3. «welcome» نى كىرگۈزۈپ جەزملەشتۈرگەندە Windows98 نى يېڭى قاچىلىغاندىكى قارشى ئېلىش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ. 4. «regedit» نى كىرگۈزۈپ جەزملەشتۈرگەندە تىزىملاش جەدۋىلىگە نىسبەتەن تەھرىرلەش ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ. 5. «drwatson» نى كىرگۈزۈپ جەزملەشتۈرگەندە ۋەزىپە ستوندا سىستېما خاتالىقىنى تاپىدىغان ۋە ئوڭشايدىغان پروگرامما قوزغىلىدۇ. 6. «scanreg» نى كىرگۈزۈپ جەزملەشتۈرگەندە سىستېما خاتالىقىنى تاپىدىغان ۋە ئوڭشايدىغان پروگرامما قوزغىلىدۇ. 7. «tour98» نى كىرگۈزۈپ جەزملەشتۈرگەندە Windows98 نىڭ ئوقۇتۇش يۇمشاق دېتالى قوزغىلىدۇ، بۇ چاغدا Windows98 نىڭ قاچىلاش ئوپتىك دىسكىنى چوقۇم ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچقا سېلىنىشى كېرەك. 8. «asd» نى كىرگۈزۈپ جەزملەشتۈرگەندە سىستېمىنىڭ قاتتىق دېتال قوزغىتىش پروگراممىسىدا مەسىلە بار _ يوقلۇقىنى تەكشۈرىدۇ. 9. «favorites» نى كىرگۈزۈپ جەزملەشتۈرگەندە internet Explorer دا تورغا چىقىپ ساقلىۋالغان تور بەت ئادرېسلىرىنىڭ تىزىملىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ ھەم بۇ كۆزنەكتىن ئۆچۈرۈۋېتىشكە بولىدۇ. 10. «msconfig» نى كىرگۈزۈپ جەزملەشتۈرگەندە سىستېما پارامېتر سەپلەش پروگراممىسى قوزغىلىدۇ. 11. «history» نى كىرگۈزۈپ جەزملەشتۈرگەندە زىيارەت قىلغان تور بەتلەرنىڭ ئادرېسلىرى تىزىملىك شەكلىدە كۆرۈنىدۇ. 12. «fonts» نى كىرگۈزۈپ جەزملەشتۈرگەندە Windows نىڭ خەت نۇسخىلىرى مۇندەرىجىسگە كىرىمىز. 13. «system» نى كىرگۈزۈپ جەزملەشتۈرگەندە Windows ئاستىدىكى system مۇندەرىجىسىگە كىرىمىز. 14. «command» نى كىرگۈزۈپ جەزملەشتۈرگەندە DOS نىڭ بۇيرۇق ھالىتىگە كىرىمىز.
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر
Windows98 نىڭ 运行 دىكى قوراللىرى | UyghurWiki | UyghurWiki