UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېرمەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنى ئاسراش ۋە كاشىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش

مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنى ئاسراش ۋە كاشىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش

كومپيۇتېر بىلىملىرى CPU ئالماشتۇرۇش كارتىسى ئارقىلىق ئاساسىي تاختىغا ئۇلىنىدۇ. يېقىندىن بېرى كومپيۇتېرنى ئاچقاندا ئېكراندا ھېچقانداق ئۇچۇر يوق. توك مەنبەسىنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىنمۇ ئەھۋال يەنىلا ئوخشاش. سەۋەبى نىمە؟ ئېكراندا ھېچقانداق ئۇچۇر كۆرۈنمەسلىكى توك مەنبە، ئاساسىي تاختا، CPU قاتارلىقلارنىڭ كاشىلىسى. ئالماشتۇرۇغ كارتىسى ئىشلىتىلگەن كومپيۇتېرغا نىسبەتەن بۇ چوقۇم ئالماشتۇرۇش كارتىسىدا كۆرۈلگەن مەسىلە. CPU نىڭ توك سەرپىياتى ناھايىتى چوڭ بولغاچقا، ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن ئالماشتۇرۇش كارتىسىنىڭ ئاساسىي تاختىغا تۇتىشىدىغان قىسىمى ئوكسىدلىنىپ ياخشى تۇتاشمىغانلىقتىن كومپيۇتېر نورمال ئىشلىمەيدۇ. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاساسىي ماشىنىنى ئېچىپ، ئالماشتۇرۇش كارتىسىنى ئېلىپ سۇسىز ئىسپىرت بىلەن ئالماشتۇرۇش كارتىسىنىڭ ئاساسىي تاختا بىلەن تۇتىشىدىغان قىسمىنى پاكىز تازىلاپ قايتا ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن مەسىلە ھەل بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر