DVD كىنو قويۇلۇۋاتقاندا كومپيۇتېرنىڭ قايتا قوزغىلىپ كېتىش ھادىسىسى
كومپيۇتېر بىلىملىرى
1. كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسىدا مەسىلە بار، ئەڭ يېڭى نەشرنى تېپىپ قاچىلاڭ.
2. ۋىرۇس بولۇشى مۇمكىن، تەكشۈرۈڭ، ھەم يېڭى نەشىردىكى ۋىرۇس تازىلاش يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ۋىرۇس تازىلاڭ.
3. DVD قوزغاتقۇچنى يالغۇز بىر IDE ئۇچۇر سىمىغا ئۇلاڭ. باشقا IDE ئۈسكۈنە بىلەن بىرئۇچۇر سىمىغا ئۇلىغان بولسىڭىز، كاشىلا پەيدا قىلغان بولۇشى مۇمكىن.
4. پەقەت ئوڭشالمىسا، مەشغۇلات سىستېمىسىنى قايتا قاچىلاپ ئاساسىي تاختىنىڭ، كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسىنى توغرا قاچىلاڭ.