Windows شارائىتىدا ئېكراندىكى رەڭلەر نورمال ئەمەس، بۇ نېمە ئۈچۈن؟
كومپيۇتېر بىلىملىرى
1. ئېكران بىلەن كۆرسىتىش كارتىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئوچۇر سىمى ياخشى تۇتاشمىغان ياكى نورمال ئەمەس، بۇزۇلغان بولۇشىمۇ مۇمكىن، ئۇلاش ئۇچىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈڭ.
2. ئېكراندىكى مەسىلە باشقا بىر ئېكراننى چېتىپ كۆرۈڭ، ئەگەر مەسىلە ھەل بولمىسا ئېنىقكى ئېكراندىكى مەسىلە.
3. ئېكران ماگنىتلىنىپ قالغان، ماگنىتسىزلاش ئىقتىدارى ئارقىلىق ماگنىتسىزلاڭ.
4. كۆرسىتىش كارتىسى بۇزۇلغان، كۆرسىتىش كارتىسىنى باشقا كومپيۇتېردا سىناپ بېقىڭ، مەسىلە يانىلا مەۋجۇت بولسا كۆرسىتىش كارتىسىنى ئالماشتۇرۇڭ.