UyghurWiki›كومپيۇتېر›ئىچكى ساقلىغۇچنى 1024MB گە كۆتۈرگەن ئىدىم. ئېكراندا نۇرغۇن ئۇچۇر كۆرۈنۈپ Windows98 قوزغالمىدى.
ئىچكى ساقلىغۇچنى 1024MB گە كۆتۈرگەن ئىدىم. ئېكراندا نۇرغۇن ئۇچۇر كۆرۈنۈپ Windows98 قوزغالمىدى.
كومپيۇتېر بىلىملىرى
بۇنداق بولۇشى مەشغۇلات سىستېمىسى بۇنداق چوڭ ئىچكى ساقلىغۇچ مەنبەسىنى نورمال باشقۇرالمىغانلىق سەۋەبىدىن بولغان.
(1) مەشغۇلات سىستېمىسىنى Windows2000 ياكى WindowsXP گە ئۆزگەرتىڭ.
(2) بىر نەچچە تال ئىچكى ساقلىغۇچنى ئېلىۋېتىپ Windows98 نورمال قوزغالغاندىن كېيىن، خاتىرە دەپتەر ئارقىلىق Windows مۇندەرىجىنىڭ ئاستىدىكى System.ini ھۆججەتنى ئېچىپ «386enh» گە تۆۋەندىكى مەزمۇننى قوشۇڭ. Maxphyspage = 30000 ئۆز ئورنىغا ساقلىغاندىن كېيىن كومپيۇتېرنى ئۆچۈرۈۋېتىپ، ئېلىۋەتكەن ئىچكى ساقلىغۇچلارنى قايتىدىن ئورنىتىپ قوزغىتىڭ. نەتىجىدە كومپيۇتېر نورمال ئىشلەيدۇ.