UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېرئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچ ئىچىدىكى ئوپتىك دىسكىنىڭ چىقماسلىق سەۋەبلىرى

ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچ ئىچىدىكى ئوپتىك دىسكىنىڭ چىقماسلىق سەۋەبلىرى

كومپيۇتېر بىلىملىرى 1. ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچنىڭ توك مەنبەسى ياخشى تېگىشمەسلىك سەۋەبىدىن بولغان. 2. ئوپتىك دىسكىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇش مەشغۇلاتى ئاخىرلاشمىغان بولۇشى مۇمكىن، سەل ساقلاڭ. 3. ئەگەر كومپيۇتېر قىسقا دائىرىلىك تورغا ئۇلانغان بولسا، باشقىلار ئوپتىك دىسكىنى زىيارەت قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. 4. ئوپتىك دىسكىنىڭ مېخانىكىلىق قىسىملىرىدا كاشىلا كۆرۈلگەن چىشلىق چاق، مېخانىكا قىسىملىرىدا ياخشى تېگىشمەيدىغان بوشاپ قالغان ئەھۋاللار كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن، ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچنى ئېچىپ، مېخانىك قىسىملىرىنى تەكشۈرۈپ، غەيرىي ئەھۋال بايقالسا تۈزىتىڭ. 5. ئېلېكتر ماتوردا كاشىلا كۆرۈلگەن، كەسپىي رېنمونتخانىغا ئاپىرىڭ. 6. ئوپتىك دىسكا ئاساسىي ماشىنا قېپىغا ئۇزۇن ۋېنتا بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغاندا ياكى ۋېنتا بەك چىك چىڭىتىۋېتىلگەن ئەھۋالدىمۇ يۇقىرىقىدەك ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. قىسقا ۋېنتا ئىشلىتىڭ ياكى ۋېنتىنى بەك چىڭ چىڭىتماڭ. 7. ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچنىڭ دىسكا قىسقۇچىدا مەسىلە كۆرۈلگەن، كەسپىي رېمونتخانىغا ئاپىرىڭ. 8. چىشلىق چاق ۋە ھەرىكەت ئۇزاتقۇچى تاسما نورمال ئىشلىمىگەن ياكى كونىراپ كەتكەن، چىشلىق چاق، تاسما ئالماشتۇرۇڭ.
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر