ئاساسىي تاختىنىڭ باشقا قىسىملىرى
كومپيۇتېر بىلىملىرى
تۈگمە شەكىللىك باتارېيە
ئاساسىي ماشىنا توكتىن ئۈزۈلگەندە CMOS ئۆزەك پلاستىنكىنى توك بىلەن تەمىنلەش ھەم سائەتنىڭ نورمال مېڭىشىنى توك بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ئاساسىي تاختىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان باتارېيە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆمرى 2~3 يىل ئەتراپىدا بولىدۇ.
سىم ئاتلاتقۇچ
ئاساسىي تاختىغا نۇرغۇن سىم ئاتلاتقۇچلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىككى پۇتلۇق، بەزىلىرى ئۈچ پۇتلۇق، يەنە بەزىلىرى كۆپ پۇتلۇق بولىدۇ، بۇلارنى ئاساسىي تاختىنىڭ چۈشەندۈرۈش ماتېرىيالىغا ئاساسەن سىم ئاتلاتقۇچ قالپىقى ئارقىلىق تەڭشەش ئېلىپ بارىمىز. ئادەتتە سىم ئاتلاتقۇچلار JP2..., J2...JP1, J1 قاتارلىق بەلگىلەر ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. ئاساسىي تاختىدىكى سىم ئاتلاتقۇچلارنى تەڭشەش ئارقىلىق سىستېمىنىڭ خىزمەت ھالىتى، سىستېمىنىڭ چاستوتىسى.... قاتارلىقلارنى تەڭشەپ، كونترول قىلغىلى بولىدۇ. سىم ئاتلاتقۇچ چوقۇم توغرا تەڭشىلىشى كېرەك. ئەگەر توغرا تەڭشەلمىسە، سىستېما نورمال ئىشلىمەيدۇ، ھەتتا ئېغىر بولغاندا ئاساسىي تاختا كېرەكتىن چىقىدۇ. ھازىرقى يېڭىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان ئاساسىي تاختىلاردا سىم ئاتلاتقۇچ نىسبەتەن ئازلىتىلغان بولۇپ، كۆپىنچە BIOS ئارقىلىق تەڭشەش ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ.
ئاساسىي تاختا كومپيۇتېردىكى ئەڭ چوڭ باسما توك يولى بولۇپ، تۆت قەۋەتلىك ۋە ئالتە قەۋەتلىك بولىدۇ. تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش مەقسىتىدە ھازىرقى ئاساسىي تاختىلار تۆت قەۋەت، ئاساساىي ئۇچۇر قەۋىتى، قوشۇمچە ئۇچۇر قەۋىتى، توك مەنبە قەۋىتى ۋە يەرگە ئۇلاش قەۋىتىدىن ئىبارەت.
ئالتە قەۋەتلىك ئاساسىي تاختىلارغا ئوتتۇرا ئۇچۇر قەۋىتى بىلەن قوشۇمچە توك مەنبە قەۋىتى قوشۇلغان. ئالتە قەۋەت PCB ئاساسىي تاختىلارنىڭ ئېلېكتر _ ماگنىت كاشىلىسىغا قارشى ئىقتىدارى ۋە مۇقىملىقى ياخشى. ئاساسىي ماشىنىنى توكقا ئۇلىغاندا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە توك ئېقىمى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU)، ئۆزەك پلاستىنكا، ئىچكى ساقلىغۇچ، AGP ئوقۇرى، PCI ئوقۇرى، IDE ئېغىزى COM, LPT, SP/2 قاتارلىق قىسىملاردىن ئۆتىدۇ. ئاساسىي تاختا BIOS دىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن قاتتىق دېتاللارنى تونۇپ، مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ قوزغىلىشىنى قوللايدۇ.