UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېرئىچكى تېلېۋىزور كارتا بىلەن سىرتقى تېلېۋىزور كارتىنىڭ پەرقى.

ئىچكى تېلېۋىزور كارتا بىلەن سىرتقى تېلېۋىزور كارتىنىڭ پەرقى.

كومپيۇتېر بىلىملىرى 1) سىرتقى تېلېۋىزور كارتىنى كومپيۇتېرنى قوزغاتمىغان ھالەتتىمۇ تېلېۋىزور كۆرگىلى بولىدۇ. ئىچكى تېلېۋىزور كارتىدا چوقۇم كومپيۇتېرنى قوزغاتقاندىن كېيىن تېلېۋىزور كۆرگىلى بولىدۇ. 2) سىرتقى تېلېۋىزور كارتا بىۋاستە ئۇلىنىدۇ. ئىچكى تېلېۋىزور كارتا ئاساسىي تاختىدىكى PCI غا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئېنىقلىقى جەھەتتە سىرتقى تېلېۋىزور كارتىنى ئېكرانغا ئۇلاپ ئاندىن، كۆرسىتىش كارتىسىغا ئۇلىنىدىغان بولغاچقا، كومپيۇتېرنىڭ كۆرسىتىش ئېنىقلىقىغا نىسبەتەن مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەگەر ئېكراننىڭ D _ sub ۋە DNC دىن ئىبارەت ئىككى ئۇلاش ئېغىزى بولسا، سىرتقى تېلېۋىزور كارتىسىنى بىۋاستە D _ sub ئۇلاش ئېغىزىغا، كۆرسىتىش كارتىسىنى بىۋاستە BNC ئۇلاش ئېغىزىغا ئۇلىسىڭىز كومپيۇتېرنىڭ كۆرسىتىش ئېنىقلىقىغا نىسبەتەن ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر