CMOS ئاۋازىغا ئاساسەن كومپيۇتېردا كاشىلا كۆرۈلگەن ئورۇنغا ھۆكۈم قىلىش
كومپيۇتېر بىلىملىرى
AMI BIOS
1 ئۇزۇن ئاۋاز: كۆرسىتىش كارتىسىنى تاپالمىغان.
2 قىسقا 1 ئۇزۇن ئاۋاز: ئېكران ئۇلانمىغان.
3 قىسقا 1 ئۇزۇن ئاۋاز: كۆرسىتىشكە مۇناسىۋەتلىك كاشىلا.
3 قىسقا ئاۋاز: 64KB لىق ئىچكى ساقلىغۇچتا خاتالىق بار.
4 قىسقا ئاۋاز: ۋاقىت توغرىلىغۇچ خاتا.
5 قىسقا ئاۋاز: CPU خاتالىق بار.
6 قىسقا ئاۋاز: A20 دە خاتالىق بار.
7 قىسقا ئاۋاز: CPU نورمالسىز.
8 قىسقا ئاۋاز: P/W كۆرسىتىشتە خاتالىق بار.
9 قىسقا ئاۋاز: ROM تەكشۈرۈلمىگەن ياكى خاتالىق بار.
10 قىسقا ئاۋاز: CMOS ROM دا مەسىلە بار.
11 قىسقا ئاۋاز: يۇقىرى دەرىجىلىك بوففېر ساقلىغۇچتا خاتالىق بار.
Award BIOS
1 قىسقا ئاۋاز: سىستېما نورمال.
2 قىسقا ئاۋاز: CMOS دا خاتالىق بار. CMOS نى تەڭشەڭ.
1 ئۇزۇن 1 قىسقا ئاۋاز: ئىچكى ساقلىغۇچ ياكى ئاساسىي تاختىلاردا مەسىلە بار.
1 ئۇزۇن 2 قىسقا ئاۋاز: كۇنۇپكا تاختا كونتروللىغۇچتا مەسىلە بار.
1 ئۇزۇن 3 قىسقا ئاۋاز: ئېكران ياكى كۆرسىتىش كارتىسىدا مەسىلە بار.
1 ئۇزۇن 9 قىسقا ئاۋاز: ئاساسىي تاختىنىڭ Flash RAM ياكى EP ROM دا خاتالىق بار (BIOS بۇزۇلغان).
ئۇزۇن ئاۋاز (توختىماي) ئىچكى ساقلىغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان ياكى بۇزۇلغان.
قىسقا ئاۋاز (توختىماي) توك مەنبە، ئېكران، كۆرسىتىش كارتىسى ئۇلانمىغان، ئاۋاز يوق، توك مەنبە بۇزۇلغان.
Phonix BIOS
1 قىسقا ئاۋاز: سىستېما نورمال.
3 قىسقا ئاۋاز: سىستېما نورمالسىز.
1 قىسقا، 1 قىسقا، 2 قىسقا ئاۋاز: ئاساسىي تاختا بۇزۇلغان.
1 قىسقا، 1 قىسقا، 3 قىسقا ئاۋاز: CMOS باتارېيىسى تۈگىگەن ياكى CMOS بۇزۇلغان.
1 قىسقا. 2 قىسقا، 4 قىسقا ئاۋاز: ROM BIOS دا خاتالىق بار.
1 قىسقا، 2 قىسقا، 1 قىسقا ئاۋاز: سىستېما سائىتى خاتا.
1 قىسقا، 2 قىسقا، 2 قىسقا ئاۋاز: DMA خاتا.
1 قىسقا، 2 قىسقا، 2 قىسقا ئاۋاز: DMA خاتا.
1 قىسقا، 2 قىسقا، 1 قىسقا ئاۋاز: ئىچكى ساقلىغۇچ خاتا.
1 قىسقا، 3 قىسقا، 2 قىسقا ئاۋاز: ئىچكى ساقلىغۇچ بۇزۇلغان ياكى RAS خاتا تەڭشەلگەن.
1 قىسقا، 3 قىسقا، 3 قىسقا ئاۋاز: ئىچكى ساقلىغۇچ بۇزۇلغان.
1 قىسقا، 4 قىسقا، 1 قىسقا ئاۋاز: ئاساسىي ئىچكى ساقلىغۇچ ئادرېسى خاتا.
1 قىسقا، 4 قىسقا، 2 قىسقا ئاۋاز: ئاساسىي ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ 64KB قىسمى خاتا.