سۈرئەت توغرىسىدىكى خاتا چۈشەنچە
كومپيۇتېر بىلىملىرى
كومپيۇتېر قاتتىق دېتاللىرىنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزۈش سۈرئىتى، تور سۈرئىتى.... قاتارلىقلارنىڭ يەتكۈزۈش سۈرئىتىدە بەزىدە بەلگىلەنگەن سۈرئەت بىلەن ئەمەلىي سۈرئەت ئوتتۇرىسدا نېمە ئۈچۈن چوڭ پەرق بولىدۇ؟ دېگەندەك بىر قاتار سوئاللارغا ئۇچرايمىز.
بۇ يەردىكى مەسىلە MB بىلەن Bb نى توغرا چۈشەنمىگەنلىك سەۋەبىدىن بولغان Byte بولۇپ، بىر ھەرپ بەلگىسىنى كۆرسىتىدۇ، b بولسا bit بولۇپ ئىككىلىك سىستېمىسىدىكى بىر خانى كۆرسىتىدۇ. ئىنگلىزچە بىر ھەرپ بەلگە (1B) بولۇپ ئىككىلىك سىستېمىدىكى سەككىز خانىدىن تەركىپ تاپقان. شۇڭا B بىلەن b ئوتتۇرىسىدا سەككىز خانە پەرق بار. مەسىلەن: USB2.0 نىڭ سۈرئىتى 12Mbps بولۇپ بۇنى ساقلاش بىرلىكىگە ئايلاندۇرساق 12Mb/8=1.5MB. شۇڭا بۇ يەردىكى مۇھىم نۇقتا B بىلەن b ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئېنىق بىلىش كېرەك. پەرقىنى ئايدىڭلاشتۇرغاندىن كېيىن يەتكۈزۈش سۈرئىتىنى ئېنىق ئايرىغىلى بولىدۇ.