كومپيۇتېرنىڭ توك مەنبە كۇنۇپكىسىنى تەكرار باسقاندىن كېيىن نورمال قوزغىلىش.
كومپيۇتېر بىلىملىرى
1. توك مەنبە كۇنۇپكىسى (Power) نى باسقاندىن كېيىن توك مەنبەسىدىكى Power Good ئۇچۇر سىمى ئاساسىي تاختىغا ئۇچۇر يوللايدۇ _ دە، كومپيۇتېرغا توك ئۆتىدۇ. دېمەك، كومپيۇتېر توك مەنبە كونىرىغانلىق سەۋەبىدىن ۋاقتىدا ئۇچۇر يوللىيالمىغان، توك مەنبەسىنى ئالماشتۇرۇڭ.
2. ئاساسىي تاختا، كۆرسىتىش كاتىسىدىكى كوندېنساتوردا مەسىلە كۆرۈلگەن. ئاساسىي تاختا ۋە كۆرسىتىش كارتىسىنى ئالماشتۇرۇپ سىناپ كۆرۈڭ. ئالماشتۇرغاندىن كېيىن يۇقىرىقى ھادىسە قايتا كۆرۈلمىسە، ئاساسىي تاختا ۋە كۆرسىتىش كارتىسىنى كەسپىي رېمونتخانىغا ئاپىرىپ بۇزۇلغان كوندېنساتورلىرىنى ئالماشتۇرۇڭ.
3. ماشىنا قېپىدىكى توك مەنبە كۇنۇپكىسى ياخشى تېگىشمەيدىغان بولۇپ قالغان ياكى بۇزۇلغان بولۇشى مۇمكىن.