UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېركۇنۇپكا تاختىسى

كۇنۇپكا تاختىسى

كومپيۇتېر بىلىملىرى بولسا كومپيۇتېردا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىسى بولۇپ، تۇنجى كومپيۇتېردىن ھازىرغىچە بولغان ھەرقانداق بىر كومپيۇتېردا كەم بولسا بولمايدىغان كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىسى، ئەڭ باشتىكى AT ئېغىزلىق 84 كۇنۇپكىلىق كۇنۇپكا تاختىسىدىن 108،104،102،101 كۇنۇپكىلىق كۇنۇپكا تاختىسىغا تەرەققىي قىلدى. ھازىر بىر قىسىم كۇنۇپكا تاختىلاردا 108 كۇنۇپكىدىن باشقا يەنە بىر مۇنچە ئىقتىدار كۇنۇپكىلىرى، خەت يېزىش تاختىلىرى سەپلەنگەن. مائۇسمۇ كومپيۇتېرنىڭ مۇھىم بولغان كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىسى بولۇپ، مەيدانغا كەلگەندىن بېرى، تېز تەرەققىي قىلدى. كۆپ ئىشلىتىلىدىغانلىرىدىن مېخانىكىلىق مائۇس، ئوپتىكىلىق مائۇس قاتارلىقلار بار. ئىككى كۇنۇپكىلىق مائۇس Microsoft ئۆلچىمى بولۇپ MS mouse دېيىلىدۇ. ئۈچ كۇنۇپكىلىقى IBM نىڭ ئۆلچىمى بويىچە PC mouse دېيىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلاش ئېغىزنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ياپىلاق ئېغىزلىق (COM ئېغىزلىق) SP/2 ئېغىزلىق, USB ئېغىزلىق قاتارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر
كۇنۇپكا تاختىسى | UyghurWiki | UyghurWiki