سىمسىز قىسمىي توردا ئۇلىنىشنىڭ تەس بولۇشى ھەم تور ئۈزۈلۈپ كېتىش ھادىسىسى.
كومپيۇتېر بىلىملىرى
بۇ خىل كاشىلىنى تۆۋەندىكى ئەھۋاللار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
1) سىمسىز AP ۋە تور كارتىسى ئوتتۇرىسىدا توسالغۇ جىسمىنىڭ بولۇشى.
2) سىمسىز AP ۋە تور كارتىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنىڭ يىراق بولۇشى.
3) ئانتېنا سىمىنىڭ ياخشى تېگىشمىگەنلىكى.
4) يۆنىلىش بەلگىلەش ئانتېنىسىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولماسلىقى.
5) ھاۋا رايىنىڭ ياخشى بولماسلىقى ھەم ئۈسكۈنىلەرنىڭ قىزىپ كېتىشى.
6) بۇففېر ساقلىغۇچنىڭ كىچىك تەڭشىلىشى.
7) ئەتراپتا 2.4GHz لىق دولقۇن بۆلىكىدە ئىشلەيدىغان باشقا ئېلېكتر ئۈسكۈنىلەر ياكى شۇ چاستوتىدا ئىشلەيدىغان خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىسىنىڭ بولۇشى.