ئاساسىي تاختىنىڭ تۈرلىرى
كومپيۇتېر بىلىملىرى
ئاساسىي تاختىنى تۈرلەرگە ئايرىشنىڭ بىر قانچە خىل ئۇسۇلى بار: ئۇلار _ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ تىپىگە ئاساسەن بۆلۈش ئۇسۇلى، ئۆزەكلەر گۇرۇپپىسىغا ئاساسەن بۆلۈش ئۇسۇلى، باش لىنىيىگە ئاساسەن بۆلۈش ئۇسۇلى، ئاساسىي تاختىنىڭ تۈزۈلۈشىگە ئاساسەن بۆلۈش ئۇسۇلى قاتارلىقلار.
مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ تىپىگە ئاساسەن بۆلۈش: ئاساسىي تاختىنى ئاساسىي تاختىدىكى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ روزىتكىسىغا ئاساسەن Socket ئاساسىي تاختا، Slot ئاساسىي تاختا قاتارلىق ئاساسىي تاختا تۈرلىرىگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
ئاساسىي تاختىدىكى ئۆزەكلەر گۇرۇپپىسىغا ئاساسەن بۆلۈش:Intel تۈرىدىكى ئاساسىي تاختا ۋە غەيرىي Intel تۈرىدىكى ئاساسىي تاختا قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.
1440 Intel تۈرىدىكى مەھسۇلاتلاردىن 440GX, 440ZX, 440EX, 440BX, 440LX, 440FX قاتارلىقلار بار.
810 Intel تۈرىدىكى ئۆزەكلەر گۇرۇپپىسى Intel شىركىتىنىڭ تۇنجى يۇقىرى دەرىجىدە توپلاشتۇرۇلغان ئۆزەكلەر گۇرۇپپىسى.
810 Intel تۈرىدىكى ئۆزەكلەر گۇرۇپپىسىغا «شىمالىي كۆۋرۈك» ۋە «جەنۇبىي كۆۋرۈك» دىن ئىبارەت ئىككى تال ئۆزەك ئىشلىتىلگەن. 810 Intel ئۆزەكلەر گۇرۇپپىسىدىن Intel810E ۋە 815 Intel قاتارلىقلار بار.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا، يەنە Intel شىركىتىنىڭ Intel840/845, Intel850, Intel860/910/915/945/965/975 قاتارلىق ئۆزەكلەر گۇرۇپپىسى بار.
باش لىنىيىگە ئاساسەن تۈرگە بۆلۈش
كومپيۇتېرغا نىسبەتەن مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نى چوڭ مېڭە دېسەك، باش لىنىيە سىمنى مەركىزىي نېرۋا دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ كومپيۇتېر سىستېمىسىنى كونترول قىلىشىغا ماسلىشىدۇ.
كۆپ ئۇچرايدىغان باش لىنىيىلەردىن.
1.ISA
Industrial Standard Architecture بولسا AT/286 دەۋرىدىكى 8 ياكى 16 بىتلىق باش لىنىيە يەنە AT BUS دەپمۇ ئاتالغان. ASI باش لىنىيىنىڭ ئەڭ يۇقىرى خىزمەت چاستوتىسى 8.33MHz ئەڭ يۇقىرى سانلىق مەلۇمات يوللاش مىقدارى 16.7MB، گەرچە يوللاش سۈرئىتى ئاستا بولسىمۇ قوللايدىغان ئاساسىي تاختا ناھايىتى كۆپ، تارىخى ئۇزۇن، تەننەرخى تۆۋەن، ھازىرغىچە ئادەتتىكى Pentium تۈردىكى ئاساسىي تاختىلاردا يەنىلا ئۇچرايدۇ.
2. PCI
Peripheral Component Interconnect
PCI باش لىنىيە سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش ۋە كۆپ ۋاستە تېخنىكىسىدا كەڭ ئىشلىتىلىدۇ. Windows98 ۋە ئۇنىڭدى كېيىنكى مەشغۇلات سىستېمىلىرىنىڭ باش لىمىيە ئىقتىدارىغا بولغان تەلىپى يۇقىرى بولغاچقا، باش لىنىيە تېخنىكىسى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. 1991 _ يىلى Intel شىركىتى PCI ئوقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم IBM, CompaQ, AST, HP, DEC قاتارلىق 100 دىن ئارتۇق شىركەت PCI گۇرۇھىنى قۇردى. PCI بىر خىل ئىلغار باش لىنىيە بولۇپ، ھازىر ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان باش لىنىيىنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ قالدى.
3. AGP
Accelerated Graphics Port
AGP باش لىنىيە تەسۋىر سانلىق مەلۇماتلىرىنى PCI باش لىنىيەسىزلا كۆرسىتىش كارتىسىغا يوللايدۇ. AGP باش لىنىيە بولسا 32 بىتلىق، 66MHz لىق باش لىنىيە، PCI باش لىنىيە تېزلىكىدىن تۆت ھەسسە يۇقىرى. PIII مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە ھەقىقىي 32 بىتلىق Windows مەشغۇلات سىستېمىسىدا رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرالايدۇ.
AGP باش لىنىيىنىڭ AGP2X AGP4X AGP8X قاتارلىق تۈرلىرى بار بولۇپ، قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ.
4. PSIE
يېڭىدىن مەيدانغا كەلگەن باش لىنىيە ئۆلچىمى بولۇپ، نۆۋەتتە كەڭ ئىشلىتىلمەكتە.
_ ئاساسىي تاختىنى قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن تۈرگە بۆلۈش
ئاساسىي تاختا قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن AT قۇرۇلمىلىق ئاساسىي تاختا ۋە ATX قۇرۇلمىلىق ئاساسىي تاختا دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ATX بولسا Intel شىركىتى بەلگىلىگەن ئاساسىي تاختا قۇرۇلما ئۆلچىمى.
ATX بولسا ATExtend نىڭ قىسقارتىپ يېزىلىشى. يۇمشاق دېتال نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، AT ئاساسىي تاختا بىلەن ATX ئاساسىي تاختىنىڭ پەرقى يوق. ATX ئاساسىي تاختا ئاساسىي تاختىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قاتتىق دېتاللارنىڭ تەرەققىياتى، كۆپ ۋاستە تېخنىكىسى، كومپيۇتېر تور تەرەققىياتىغا ماسلاشتۇرۇش ئاساسىدا AT ئاساسىي تاختىدىن تەرەققىي قىلغان. نۆۋەتتە نۇرغۇن شىركەتلەر ATX ئۆلچىمىنى قوللانماقتا. كۆپ ئۇچرايدىغان ATX ئاساسىي تاختىلاردىن ATX, MicroATX, FlexATX قاتارلىقلار بار.
ئۇنىڭدىن باشقا بىر تاختا بىر كارتا شەكىللىك ئاساسىي تاختا، تەڭشەش سىمى يوق ئاساسىي تاختا، ئېنېرگىيە تېجەش (يېشىل) ئاساسىي تاختا، كۆپ قەۋەت تۈزۈلۈشىدىكى ئاساسىي تاختا ... قاتارلىقلار بار.