ئاساسىي تاختىدىكى ئۆزەكلەر
كومپيۇتېر بىلىملىرى
ئاساسىي تاختىدىكى ئۆزەكلەر گۇرۇپپىسى Intel تۈرىدىكى ئۆزەكلەر گۇرۇپپىسى ۋە غەيرىي Intel ئۆزەكلەر گۇرۇپپىسىغا بۆلۈنىدۇ. Pentium تۈردىكى ئاساسىي تاختا مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ پەقەت ئۆزەكلەر گۇرۇپپىسى بىلەن بىۋاستە ئالاقە باغلايدۇ. ئۆزەكلەر گۇرۇپپىسى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ بىلەن ئىچكى ساقلىغۇچ، يۇقىرى سۈرئەتلىك بوففېر ساقلىغۇچ، PCI كارتىسى، ISA كارتىسى، قاتتىق دىسكا قاتارلىق سىرتقى ئۈسكۈنىلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.
ئادەتتە بىز ئاڭلىغان «شىمالىي كۆۋرۈك»، «جەنۇبىي كۆۋرۈك» دەپ ئاتايدىغان ئۆزەكلەر گۇرۇپپىسىدىكى ھەر قايسى ئۆزەكلەرنىڭ خىزمەت تەقسىماتىغا ئاساسەن بۆلۈنگەن.
«شىمالىي كۆۋرۈك» بولسا، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) قىستۇرۇش ئۇقۇرى بىلەن ئىچكى ساقلىغۇچ قىستۇرۇش ئۇقۇرىغا يېقىن جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسلىقى _ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ، ئىچكى ساقلىغۇچ، AGP لارنى كونترول قىلىدۇ. ئاساسىي تاختا قوللايدىغان مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ تىپى ۋە سانى، ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ تىپى ۋە سىغىمى، AGP نى قوللاش ياكى قوللىماسلىقى قاتارلىقلارنى شىمالىۇ كۆۋرۈك بەلگىلەيدۇ. بىر قىسىم ئۆزەكلەر گۇرۇپپىسىنىڭ شىمالىي كۆۋرۈككە كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ ئىقتىدارى قوشۇلغان بولىدۇ. «شىمالىي كۆۋرۈك» ئۆزىكى كومپيۇتېرنىڭ يادرولۇق بۆلەكلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغاچقا، «شىمالىي كۆۋرۈك» ئۆزىكىنىڭ تىپىغا ئاساسەن تاختىنى تۈرلەرگە بۆلىمىز.
«جەنۇبىي كۆۋرۈك» PCI قىستۇرۇش ئوقۇرغا يېقىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئۇ ئاساسلىقى IDE ئۇلاش ئېغىزى، ISA قىستۇرۇش ئوقۇرى، PCI قىستۇرۇش ئوقۇرى، USB ئۇلاش ئېغىزى قاتارلىقلارنى كونترول قىلىدۇ. بىر قىسىم «جەنۇبىي كۆۋرۈك» ئۆزىكىگە ئاۋاز ئىقتىدارى، I/O ئۇلاش ئېغىزى قاتارلىق ئىقتىدارلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
ئۆزەكلەر گۇرۇپپىسىنىڭ جەنۇبىي كۆۋرۈك ئورتاق ئىشلىتىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. Intel810/820/840 ئۆزەكلىك ئاساسىي تاختىلاردا «شىمالىي كۆۋرۈك»، «جەنۇبىي كۆۋرۈك» ئوقۇمىنىڭ ئورنىنى GMCH/MCH ۋە ICH ئۇقۇمى ئىگىلىدى. GMCH بولسا «گرافىك ئىچكى ساقلىغۇچ كونتروللاش مەركىزى»، MCH بولسا «ئىچكى ساقلىغۇچ كونتروللاش مەركىزى» ICH بولسا «كىرگۈزۈش _ چىقىرىش كونتروللاش مەركىزى».
_ يۇقىرى سۈرئەتلىك بوففېر ساقلىغۇچ ئۈزىكى CACHE
يۇقىرى سۈرئەتلىك بوففېر ساقلىغۇچنى ئورنىغا قاراپ L1Cache (بىرىنچى دەرىجىلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك بوففېر ساقلىغۇچ ياكى ئىچكى يۇقىرى سۈرئەتلىك بوففېر ساقلىغۇچ) بىلەن L2Cache (ئىككىنچى دەرىجىلىك بوففېر ساقلىغۇچ ياكى ئىچكى يۇقىرى سۈرئەتلىك بوففېر ساقلىغۇچ ياكى سىرتقى يۇقىرى سۈرئەتلىك بوففېر ساقلىغۇچ) دىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
L1Cache بولسا مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، كود ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى ساقلاپ، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ L2Cache بىلەن DRAM نى زىيارەت قىلىش ۋاقتىنى قىسقارتىدۇ.
L2Cache بولسا مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ تېزلىكى بىلەن DRAM تېزلىكى ئوتتۇرىسىدىكى مۇۋازىنەتنى تەڭشەيدۇ. L2Cache نىڭ چوڭ ياكى كىچىك بولۇشى سىستېمىنىڭ ئىقتىدارىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچلارنىڭ ھەممىسىگە L2Cache ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسىي تاختا ئورۇنلاشتۇرۇلغان L2Cache تەدرىجىي يوقالدى.