مېخانىك مائۇسنىڭ نورمالسىزلىقى.
كومپيۇتېر بىلىملىرى
بۇنداق ئەھۋال مائۇسنى بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن مائۇس شارچىسى ۋە نىشان غالتىكىگە نۇرغۇن كىر نەرسىلەرنىڭ چاپلىشىۋالغانلىقىدىن بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا مائۇس قېپىنى ئاجرىتىپ، شارچە بىلەن نىشان غالتىكىگە چاپلىشىۋالغان نەرسىلەرنى قىرىپ چىقىرىۋېتىڭ ھەم ئىسپىرت بىلەن پاكىز سۈرتۈڭ. مۇمكىن بولسا سۈركىلىش كوئىففىتسېنتى چوڭ بولغان نەرسىنى تەگلىك قىلىپ ئىشلىتىڭ.