UyghurWiki›كومپيۇتېر›ئوپتىك دىسكىنى ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچقا سالغاندىن كېيىن «جىت _ جىت» قىلغان ئاۋاز چىقىپ، دىسكا ئاپتوماتىك ھالدا قايتىپ چىقىش ھادىسىسى
ئوپتىك دىسكىنى ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچقا سالغاندىن كېيىن «جىت _ جىت» قىلغان ئاۋاز چىقىپ، دىسكا ئاپتوماتىك ھالدا قايتىپ چىقىش ھادىسىسى
كومپيۇتېر بىلىملىرى
بۇ ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچ ئىچىدىكى مەلۇم توسالغۇ جىسىم سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان. شۇڭا ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچنىڭ سىرتقى قېپىنى ئېلىۋېتىپ، قۇرۇق ھالدا توك مەنبەسىگە ئۇلاپ كۆرۈپ باقساق، نورمال مېڭىپ ئايلىنىۋېرىدۇ، پەقەت دىسكا سالساقلا يۇقىرى ئەھۋال قايتا يۈز بېرىدۇ. توكنى ئۈزۈۋېتىپ ئاستا كۆزەتسەك، ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچنىڭ دىسكا قىسىپ تۇرىدىغان قىسمىدا غەيرىي نەرسىلەرنى بايقايمىز. كۆرۈلگەن شۇ نەرسىنى ئېلىۋەتسەكلا مەسىلە ھەل بولىدۇ.