UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېرئىچكى ساقلىغۇچ چاستوتىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندىن كېيىن كومپيۇتېر قوزغالمايدىغان، قايتا قوزغىلىدىغان ۋە قېتىۋالىدىغان ئەھۋاللىرىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟

ئىچكى ساقلىغۇچ چاستوتىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندىن كېيىن كومپيۇتېر قوزغالمايدىغان، قايتا قوزغىلىدىغان ۋە قېتىۋالىدىغان ئەھۋاللىرىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟

كومپيۇتېر بىلىملىرى ئادەتتە ئىچكى ساقلىغۇچ چاستوتىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلسە سانلىق مەلۇماتلارنى ساقلاش، ئوقۇش جەريانىد ئاسانلا خاتالىق كۆرۈلۈپ، يۇقىرىقىدەك ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. ئىچكى ساقلىغۇچ چاستوتىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندىن كېيىن كومپيۇتېر نورمال قوزغالمىسا CMOS ئۇچۇرلىرىنى ئۆچۈرىدىغان سىم ئاتلاتقۇچ ياكى CMOS باتارېيىسىنى ئېلىۋېتىش ئارقىلىق CMOS ئۇچۇرلىرىنى ئۆچۈرۋېتىپ، كومپيۇتېرنى قايتا قوزغاتقاندىن كېيىن ئىچكى ساقلىغۇچ چاستوتىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەڭ ياكى ئەسلىدىكى چاستوتىغا تەڭشەڭ. (2) كومپيۇتېر قوزغىلىپ نورمال ئىشلىمىسە، ئوخشاشلا CMOS دىن ئىچكى ساقلىغۇچ چاستوتىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەڭ ياكى ئەسلىدىكى چاستوتىغا تەڭشەڭ. CMOS دىن ئىچكى ساقلىغۇچ چاستوتىسىنى تەڭشەيدىغان تۈر: SD _ RAM Frep بىر قىسىم ئاساسىي تاختىلاردا ئىچكى ساقلىغۇچ چاستوتىسىنى CPU چاستوتىسى، PCI چاستوتىسى بىرلىكتە تەڭشىلىدۇ. CMOS دىن ئىچكى ساقلىغۇچقا مۇناسىۋەتلىك تەڭشەش تۈرلىرى خاتا تەڭشىلىش سەۋەبىدىن يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئوخشاشلا يۇقىرىدا تونۇشتۇرولغان ئىككى خىل ئۇسۇل بويىچە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر