UyghurWiki›كومپيۇتېر›ئوپتىك دىسكا ئويقۇچتا ئوپتىك دىسكا ئويۇۋاتقاندا BUFFER UNDER RUN ئۇچۇرنىڭ چىقىش ھادىسىسى.
ئوپتىك دىسكا ئويقۇچتا ئوپتىك دىسكا ئويۇۋاتقاندا BUFFER UNDER RUN ئۇچۇرنىڭ چىقىش ھادىسىسى.
كومپيۇتېر بىلىملىرى
بۇخىل ھادىسە ھەم كۆپ كۆرۈلىدىغان ھەم مۇرەككەپ كاشىلا بولۇپ، مەشغۇلات سىستېمىسى، ئويۇش يۇمشاق دېتالى، ئوپتىك دىسكا ئويغۇچنىڭ ئۆزى قاتارلىق ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك.
ئوپتىك دىسكىغا سانلىق مەلۇماتلارنى ئويۇش جەريانىدا، ئوپتىك دىسكا ئويغۇچنىڭ بۇففېر ساقلىغۇچقا كۆچۈرۈلۈپ، ئاندىن ئوپتىك دىسكىغا كۆچۈرۈلۈش تەرتىپى بويىچە كۆچۈرۈلىدۇ ئەگەر ئوپتىك دىسكىغا ئۇچۇر يېزىلىۋاتقان شارائىتتا ئوپتىك دىسكا ئويغۇچنىڭ بۇففېر ساقلىغۇچىغا يەتكۈزىدىغان ئۇچۇر ئۈلۈكسىز بولمىسا يۇقىرقى كاشىلا كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل كاشىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن:
1. مەشغۇلات سىستېمىسى ئويۇش، يۇمشاق دېتالغا ۋىرۇس يۇقمىغان بولۇشى كېرەك.
2. ئويۇش مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقاندا باشقا مەشغۇلات قىلماسلىق.
3. ئويۇش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىشتىن بۇرۇن ئۆزلۈكىدىن ئىجرا بولىدىغان پروگراممىلار (ئېكران قوغداش پروگراممىسى، ۋىرۇس تازىلاش، دىسكا رەتلەش... پروگراممىلىرىنىڭ) ئۆزلۈكىدىن ئىجرا بولۇشىنى چەكلىۋېتىش كېرەك.
4. ھازىرقى چىققان ئوپتىك دىسكا ئويغۇچتا:
Seamless link, JUST LINK, Burn_proof قاتارلىق قوغداش تېخنىكىلىرى قوللىنىلغان بولۇپ، ئوپتىك دىسكا ئويغۇچنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچقا يەتكۈزىدىغان ئۇچۇر ئۈزلۈكسىز بولمىسا ئويۇش مەشغۇلاتىنى ۋاقىتلىق توختىتىپ ئۇچۇرنىڭ ئۈزلۈكسىز ياكى ئەسلىگە كەلگەندە ئويۇش مەشغۇلاتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئوپتىك دىسكىنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
5. ئوپتىك دىسكا ئويغۇچنىڭ بوففېر ساقلىغۇچنىڭ چوڭ _ كىچىكلىكىگە ئاساسەن مۇۋاپىق بولغان ئويۇش تېزلىكىنى تاللاپ ئويۇش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىڭ.