UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېرADSL نىڭ سۈرئىتى ئادەتتىكى مودىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ADSL نىڭ سۈرئىتى ئادەتتىكى مودىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

كومپيۇتېر بىلىملىرى 1) چەت ئەل تور بېكەتلىرىنى زىيارەت قىلىش سەۋەبىدىن ئاستا بولغان بولۇشى مۇمكىن. 2) ADSL نىڭ تېلېفون سىم لىنىيەسى سۈپەتلىك بولۇشى ھەم ئارىلىق بەك يىراق بولماسلىقى كېرەك. 3) ADSL گە ئالماش سىم شەكلىدە ئۇچۇر يوللاش تېخنىكىسى قوللىنىلغان بولۇپ، ئىككى تال سىم ئۆز ئارا ئالماشقان شەكىلدە بولىدۇ. شۇڭا تېلېفون سىمى پاراللېل سىم بولغاچقا، تېلېفون سىمىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى سەۋەبىدىن سىرتقى كاشىلىنى تەسىرىگە ئۇچرىغان. 4) ADSL دا تۆۋەن چاستوتىدىكى ئاۋاز سىگنالىغا يۇقىرى چاستوتىدىكى رەقەملىك سىگنال قوشۇلغان بولغاچقا، ئارىلىقتا قۇشۇلغان ھەر قانداق ئۈسكۈنە سىگنالنىڭ يەتكۈزۈشكە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئوغرىدىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلمىسى، مەخپىي تىڭشىغۇچ دېگەندەك نەرسىلەر ئۇلانماسلىقى كېرەك.
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر