يۇمشاق دېتال قاچىلىغىلى بولماسلىق
كومپيۇتېر بىلىملىرى
1) كومپيۇتېردا ئەسلىدە تۆۋەن نەشردىكى يۇمشاق دېتال بولسا يۇقىرى نەشردىكىنىڭ قاچىلىنىشىنى چەكلەيدۇ. ھەم يۇمشاق دېتال قاچىلانغاندا شۇ يۇمشاق نەشر نۇسخىسىغا دىققەت قىلىڭ.
2) قاتتىق دىسكا بوشلۇقى يېتىشمىگەن بولۇشى مۇمكىن، قاتتىق دىسكىدىكى كېرەكسىز ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۈۋېتىپ يېتەرلىك بوشلۇق ھازىرلاڭ.
3) ۋىرۇس سەۋەبىدىن بولغان يېڭى نەشردىكى ۋىرۇس تازىلاش يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ۋىرۇس تازىلاڭ.
4) ئىچكى ساقلىغۇچ سىغىمى يېتىشمىگەن بولۇشى ياكى Autoexec.bat, config.sys ھۆججىتىدە خاتالىق بولۇشى مۇمكىن.
WindowsXP نى قاچىلاش بۇيرۇقىنى بەرگەندە تەكشۈرۈش ئاياغلىشىپلا كومپيۇتېر قېتىۋالىدۇ.
1) ئەسلىي نۇسخىدىكى قاچىلاش دىسكىسى ياكى باشقا قاچىلاش دىسكىسى ئارقىلىق قاچىلاڭ.
2) قاتتىق دىسكىنى رايونغا ئايرىپ فورماتلاپ قاچىلاڭ.
3) ئاساسىي BIOS نەشرىنى يېڭىلاپ قاچىلاڭ.
4) يۇقىرىقى ئۇسۇللارنى قوللانغان، كېيىنمۇ يەنىلا قاچىلانمىسا مەلۇم قاتتىق دېتالدا كاشىلا كۆرۈلگەن. ئالماشتۇرۇپ سىناش ئۇسۇلى ئارقىلىق كاشىلا كۆرۈلگەن قاتتىق دېتالنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن، شۇ قاتتىق دېتالنى ئالماشتۇرۇۋېتىپ قاچىلاڭ.