كومپيۇتېرنىڭ دائىم ئىسسىق قوزغىلىپ كېتىشى.
كومپيۇتېر بىلىملىرى
1) ۋىرۇسنىڭ كاشىلىسى، يېڭى نەشردىكى ۋىرۇس تازىلاش يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق تازىلاڭ.
2) توك مەنبەسىنىڭ چىقىرىش بېسىمى نورمالسىز بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىۋېرسال مېتر ئارقىلىق ئۆلچەپ كۆرۈڭ، نورمالسىز بولسا توك مەنبەسىنى ئالماشتۇرۇڭ.
3) توك مەنبەسىنىڭ كىرىش ئېلېكتر بېسىمى نورمالسىز بولسا توك تۇراقلاشتۇرغۇچ سەپلەڭ.
4) CPU قىزىپ كەتكەن بولسىمۇ، قايتا قوزغىتىش ھادىسىسى بولىدۇ، شۇڭا شامالدۇرغۇچنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ.
5) توك مەنبەسىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەيدىغان ئۈسكۈنىلەر (ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچ، قاتتىق دىسكا، USB ئۈسكۈنىلەر) كۆپ بولۇپ كەتسىمۇ توك مەنبە قۇۋۋىتى يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن قايتا قوزغىلىش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ. سىرتتىكى ئۈسكۈنىلەرنىڭ سانىنى ئازايتىڭ.