Windows2000 نىڭ نەشرلىرى
كومپيۇتېر بىلىملىرى
(1) Windows2000 professional (كەسپىي نەشر) Windows NT نىڭ ئىلغار تېخنىكىلىرى ئاساسىدا ئىشلەنگەن يېڭى ئەۋلاد مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ، بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. سودا ساھەس ۋە شەخسىي ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن لايىھىلەنگەن.
(2) Windows2000 Server (مۇلازىمېتر نەشرى). بۇ خىل نەشرى Windows NT Server4.0 ئاساسىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، بەزىدە Windows NT Server5.0 دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل نەشرى مەخسۇس مۇلازىمېتر ئۈچۈن لايىھىلەنگەن بولۇپ، تور مۇلازىمەت ئىقتىدارى، مۇقىملىقى كۈچەيتىلگەن. كىچىك دائىرىلىك توردىكى مۇلازىمېترلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
(3) Windows2000 Advancdd Server (يۇقىرى دەرىجىلىك نەشرى). بۇ خىلدىكى نەشردە Windows2000 Server نىڭ ئىقتىدارى بولغاندىن باشقا تۆۋەندىكى ئىقتىدارلىرى ئارتۇق.
SMP ئىقتىدارى كۈچەيتىلگەن.
مۇقىملىقى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.
تور يۈكلىمىسى تەڭشەلگەن.
بىرىكمە دېتال يۈكلىمىسى تەڭشەلگەن.
ئاساسلىق كارخانا دەرىجىسىدىكى مۇلازىمېترلارغا قاچىلىنىدۇ.
(4) Windows2000 Date Center Server (سانلىق مەلۇمات مۇلازىمېتر نەشرى).
Microsoft شىركىتىنىڭ ئىقتىدارى يۇقىرى بولغان مۇلازىمېتر مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ، كۆپ CPU نى ۋە 64GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچنى قوللايدۇ.
Windows2000 Advancdd Server ئىگە بولغان ئىقتىدارىدىن باشقا چوڭ تىپتىكى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى، ئىقتىدار ئانالىز قىلىش، پەن _ تەتقىقات ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى تەقلىد قىلىش جەھەتلەردە مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان مەشغۇلات سسىتېمسى.
مەخسۇس چوڭ تىپتىكى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى مۇلازىمېترغا ئىشلىتىلىدۇ.